سىپرۇس

سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى Republic of Cyprus ( سىپرۇس ئەمەلىيەتتە گىركلەر ئىشغالىدىكى جەنۇب ۋە تۈركلەر ئىشغالىدىكى شىمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇستەقىل دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان) پايتەخت: نىكوزىيە، ئاھالىسى 363مىڭ (گىرىك رايونىدا 273مىڭ، تۈرك رايونىدا 90مىڭ) زىمىنى 9مىڭ250 كۇۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىن 3355كۇۋادىرات كىلومېتىر. ئاھالىسى: سىپرۇسنىڭ 2006-يىللىق نوپۇسى 784مىڭ 301بولۇپ، ئاھالىنىڭ 77%نى گىرىكلار، 18%نى تۈركلەر، قالغانلىرىنى ئەرمەن، ئەرەپ، كۇردلار ئىگەللەيدۇ . گىرىك رايونىدا گىرىك تىلى، تۈرك رايونىدا تۈرك تىلى دۆلەت تىلى. شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشغالىدىكى زىمىنىڭ نوپۇسى 264مىڭ172. دىنى :گىرىكلار، بىر قىسىم ئەرەپلەر ۋە ئەرمەنلەر پروۋسلاۋىيە دىنىغا، تۈركلەر ۋە كۇردلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى: گىرىكلار رايونىدا سىپروس فوندى تۈركلەر رايونىدا تۈرك لىراسى . سىپرۇس 2008-يىلىدىن باشلاپ ياۋوپا ئىتىپاقىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولىدۇ ۋە ياۋرونى ئاساسلىق پۇل بىرلىكى قىلىدۇ. ئىقتىسادى: 2006 -يىلى سىپرۇس گىرىك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 17مىليارت790مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 22700دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3.7% . تۈرك رايونىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2مىليارت540مىليۇن دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 7135دوللار توغرا كەلگەن، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10% . دۆلەت بايرىمى:گىرىك رايونىدا( 1960-يىلى)10-ئاينىڭ 1-كۈنى، سىپرۇسنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى، تۈرك رايونىدا( 1983-يىلى)11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىمالى سىپرۇسنىڭ سىپرۇستىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :ياۋروپا ۋاقتى(2- ۋاقىت رايونى)

row 1, cell 1
دۆلەت گىمىنى
row 1, cell 1
پايتەختى
ئەڭ چوڭ شەھرى
رەسمى تىلى
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى
رەئىس جۇمھۇر
باش مىنىستىر
يەر مەيدانى
نۇپۇسى
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
Cyprus in its region (de-facto)
Flag of Cyprus

قىسقىچە تارىخى:

Agia napa

سىپرۇس ئارىلى ئەسلىدە ئاسۇرىيانلارنىڭ زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10-ئەسىرلەردە گىرىكلار كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن كېيىن بۇ يەر شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان.7-ئەسىرلەردە ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بۇ جاينى بويسۇندۇرۇپ ئىككى ئەسىردىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن، 1192-يىلى سىپروستىكى گىرىكلار مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇپ 1489-يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1571-يىلى تۈرك ئىمپىرىيىسى سىپرۇس ئارىلىنى تارتىۋالغان. 1878-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلغان. 1960-يىلى ئەنگىلىيە سىپرۇستىكى ئاكروتىرى ۋە داكېلىيا دىن باشقا جايلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلغان، 1983-1976-يىلى سىپرۇستىكى گىرىكلار بىلەن تۈركلەر ئوتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىغاندا تۈركىيە سىپرۇسقا ئەسكەر چىقىرىپ سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى 32%زىمىننى ئىشغال قىلغان، سىپرۇسنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈركلەر شىمالدىكى تۈركلەر ئىشغالىدىكى رايونلارغا كۆچۈپ كەلگە. 1983-يىلى سىپرۇسنىڭ شىمالىدىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى رەئۇف دىنىقتاش مۇستەقىل شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ تۈركىيىدىن باشقا بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. سىپرۇس ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىل باھاردەك ئۆتىدىغان، كان بايلىقى مول، يېرى مۇنبەت ئارال بولۇپ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ زور سوممىلىق ياردىمى ئارقىسىدا ساياھەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دۇنيادىكى باي دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركلەر كونتىرۇللىغىدىكى شىمالى سىپرۇسمۇ(تۈركچە كۈزەي كىبرىس) تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە باغۋەنچىلىك، ساياھەت ۋە كان ئېچىشنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ھاللىق دۆلەتلەر سەۋىيىسىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.2006-يىلى گىركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.7 سانائەت %19.6، مۇلازىمەت %76.8 نى ،تۈركلەر ئىشغالىدىكى سىپرۇسنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %10.6 سانائەت %20.5، مۇلازىمەت %68.9 نى ئىگەللىگەن.2005-يىلى جەنۇبى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 420مىڭ، يانپون ئابونتى 718مىڭ800، ئىنتېرنېت ئابونتى 298مىڭ، شىمالى سىپرۇسنىڭ مۇقىم تېلپون ئابونتى 92مىڭ، يانپون ئابونتى 143مىڭ178، ئىنتېرنېت ئابونتى 67مىڭ بولغان.

ISO 3166-1

ISO 3166-1 دۆلەتلەر تىزىملىكى

AD ئاندوررا

AE ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى

AF ئافغانىستان

AG ئانتىگۇئا ۋە باربادوس

AI ئانگۋىللا

AL ئالبانىيا

AM ئەرمىنىيە

AN گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتىللېس

AO ئانگولا

AQ ئانتراكتىكا

AR ئارگىنتىنا

AS ئامىركا ساموئاسى

AT ئاۋسترىيە

AU ئاۋسترالىيە

AW ئارۇبا

AZ ئەزەربايجان

BA بوسنىيە گرىتسىگوۋىنا

BB باربادوس

BD بېنگال

BE بىلگىيە

BF بۇركىنا فاسو

BG بۇلغارىيە

BH بەھرەين

BI بۇرۇندى

BJ بېنىن

BM بېرمۇدا

BN برۇنى

BO بولىۋىيە

BR برازىلىيە

BS باھاماس

BT بۇتان

BV بۇۋېت ئارىلى

BW بوتسۋانا

BY بىلىرۇسسىيە

BZ بەلىز

CA كانادا

CC كوكوس ئاراللىرى

CF ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيتى

CG كونگو

CI پىلچىشى تۇمشۇقى

CK كۇك ئاراللىرى

CL چىلى

CM كامىرون

CN جۇڭگو

CO كولۇمبىيە

CR كوستا رىكا

CU كۇبا

CV ۋېردى تۇمشۇقى

CX كرىستمىس ئارېلى

CY سىپرۇس

CZ چىخىيە

DE گىرمانىيە

DJ جىبۇتى

DK دانىيە

DM دومىنىكا

DO دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى

DZ ئالجىريە

EC ئىكۋادور

EE ئىستونىيە

EG مىسىر

EH غەربى ساھارا

ER ئېرىتىرىيە

ES ئىسپانىيە

ET ئېفئوپىيە

FI فىنلاندىيە

FJ فىجى

FK فالكلاند ئاراللىرى (مالۋىناس)

FM مىكرونىزىيە

FO فاروي ئاراللىرى

FR فرانسىيە

GA گابون

GB بۈيۈك برىتانىيە

GD گرىنادا

GE گروزىيە

GF فرانسىيە گۋىئانىسى

GG گۇئېرنسېي

GH گانا

GI جىبلىتارىق

GL گرىنلاندىيە

GM گامبىيە

GN گىنىيە

GP گۇئادېلۇپ

GQ ئېكۋاتور گىنىيەسى

GR گرىتسىيە

GS جەنۇبى گېئورگىيە ۋە جەنۇبى ساندۋىچ ئاراللىرى

GT گۇئاتېمالا

GU گۇئام

GW گىنىيە-بىسسائۇ

GY گۇيانا

HK شياڭگاڭ /خوڭكوڭ

HM ھېرد ۋە مىكدونالد ئاراللىرى

HN ھوندۇراس

HR كرودىيە

HT ھايتى

HU ۋىنگرىيە

CH شۋىتسارىيە

ID ھىندىنوزىيە

IE ئىرلاندىيە

IL ئىسرائىلىيە

IM مان ئارېلى

IN ھىندىستان

IO برىتانىيە ھىندى ئوكيان تېرىتورىيەسى

IQ ئىراق

IR ئىران

IS ئىسلاندىيە

IT ئىتالىيە

JE جېرسېي

JM يامايكا

JO ئىئوردانىيە

JP ياپونىيە

KE كىنىيە

KG قىرغىزىستان

KH كامبودژا

KI كىرىباتى

KM قەمەرىيە ئاراللىرى / كومورو ئاراللىرى

KN سانت كىتتس ۋە نېۋىس

KP شىمالى كورىيە / چاۋشيەن

KR جەنۇبى كورىيە / كورىيە

KW كۇۋەيت

KY كايمان ئاراللىرى

KZ قازاقىستان

LA لائوس

LB لىبانىن

LC سانت لۇسىئا

LI لىېختېنشتېين

LK سرى لانكا

LR لىبىرىيە

LS لىسوتو

LT لىتۋانىيە

LU ليۇكسىمبرۇگ

LV لاتۋىيە

LY لىبىيە

MA ماراكەش

MC موناكو

MD مولداۋا

ME مونتىنىگرو

MG ماداغاسقار

MH مارشال ئاراللىرى

MK ماكىدونىيە

ML مالى

MM بىرما

MN موڭغۇلىيە

MO ئاۋمېن /ماكاۋ

MP شىمالى مارىئانا ئاراللىرى

MQ مارتىنىك

MR ماۋرىتانىيە

MS مونتسەررات

MT مالتا

MU ماۋرىتىئۇس

MV مالدىۋېس

MW مالاۋى

MX مىكسىكا

MY مالايسىيا

MZ موزامبىك

NA نامىبىيا

NC يىڭى كالېدونىيە

NE نىگىر

NF نورفولك ئارېلى

NG نىگىرىيە

NI نىكاراگۇئا

NL گوللاندىيە

NO نورۋىگىيە

NP نىپال

NR نائۇرۇ

NU نىئۇئې

NZ يىڭى زىللاندىيە

OM ئومان

PA پاناما

PE پېرۇ

PF فرانسىيە پولىنىزىيەسى

PG پاپۇئا يىڭى گۋىنىيە

PH فىلىپپىن

PK پاكىستان

PL لەھىستان

PM سانت پىئېر ۋە مىكۋېلون

PN پىتكائىرن ئاراللىرى

PR پورتو رىكو

PT پورتۇگالىيە

PW پالائۇ

PY پاراگۋاي

QA قاتار

RE رېئۇنىئون ئارېلى

RO رومىنىيە

RS سىربىيە

RU روسسىيە

RW رىۋاندا

SA سەئۇدى ئەرەبىستان

SB سولومون ئاراللىرى

SC سەيشەل

SD سۇدان

SE شۋىتسىيە

SG سىنگاپور

SH سانت ھېلېنا

SI سلوۋىنىيە

SJ سۋالبارد (سۋالبارد ۋە جان مايېن)

SK سلوۋاكىيە

SL سىئېررا لېئون

SM سان مارىنو

SN سىنگال

SO سومالىيا

SR سۇرىنام

ST سائو تومې ۋە پرىنكىپې

SV سالۋادور

SY سۈرىيە

SZ سۋازىلاندىيە

TC تۇركس ۋە كايكۇس ئاراللىرى

TD چاد

TF فرانسىيەجەنۇبى تېرىتورىيەلىرى

TG توگو

TH تايلانت

TJ تاجىكىستان

TK توكېلائۇ

TL شەرقى تىمور

TM تۈركمەنىستان

TN تۇنىس

TO تونگا

TR تۈركىيە

TT ترىنىداد ۋە توباگو

TV تۇۋالۇ

TW تەيۋەن

TZ تانزانىيە

UA ئۇكرائىنا

UG ئۇگاندا

UM ئا.ق.ش. يىراق كىچىك ئاراللىرى

US ئا.ق.ش. (ئامىركا قوشما شىتاتلىرى)

UY ئۇرۇگۋاي

UZ ئۆزبېكىستان

VA ۋاتىكان

VC سانت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس

VE ۋېنسۇئېلا

VG برىتانىيە ۋىرگىن ئاراللىرى

VI ئامىركا ۋىرگىن ئاراللىرى

VN ۋىتنام

VU ۋانۇئاتۇ

WF ۋاللىس ۋە فۇتۇنا

WS غەربى ساموئا

YE يەمەن

YT مايوت ئارېلى

ZA جەنۇبى ئافرىقا

ZM زامبىيە

ZR زائىر

ZW زىمبابۋى

TB تىبەت /شىزاڭ

KO كوسوۋو

ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ

Profesör Dr. Ahmet Davutoğlu تۈركچىە ئىسمى.

ئەھمەد داۋۇدئوغلۇئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى مەزگىلىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ سىرتىدىن تەيىنلەنگەن تۇنجى مىنىستىر بولغان .

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلى كىم؟

1959-يىلى كونيانىڭ تاشكەنت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.

بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسەت كەسپىدە ئوقۇدى، شۇ مەكتەپنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت(kamu yönetimi) كەسپىدە ماگىستىرلىق، سىياسەت ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى.

1990-يىلىدىن 1995-يىلغىچە چەتئەلدە خىزمەت قىلدى. كىيىن تۈركىيىگە قايتىپ كېلىپ مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ماقالە ۋە كىتاپ يازدى. يازغان ماقالىلىرى دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ دىققىتىنى چەكتى. 2002-يىلى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنى ھازىرقى رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى رەئىس جۇمھۇر ئەخمەت نەجدەت سەزەر ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى، ھەمدە ئوتتۇرا شەرقىتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئەۋەتتى، بۇ جەرياندا پەلەستىن-ئىسرائىل تۇقۇنىشى، ئىراق ئۇرۇشى يۈز بەردى، داۋۇتئوغلى بىرىلگەن ۋەزىپىلەرنى نەتىجىلىك تاماملىدى، كىيىن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپى بىلەن باش مىنىستىرنىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدى. 2009-يىلدىكى يەرلىك سايلامدىن ھۆكۈمەت كابىنەدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى، نەتىجىدە ئەخمەت داۋۇتئوغلىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. داۋۇتئوغلى مىللەت ۋەكىلى بولمىغاچقا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسدە قەسەم قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، مىنىستىر بولغان ئىككى يىل نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

.

ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ باشقا ئەسەرلىرى:

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 1959- يىلى 26- فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتى تاشكەنت رايونىدا قول ھۇنەرۋەنچىلىك ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى مەھمەت ئەپەندى بىلەن ئانىسى مەمنۇنە خانىم ئۇنى مەھەللىسىدىكى ھاجى سۇلايمان ئەپەندى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ تۆتىنچى سىنىپنى تۆگەتكەندىن كېيىن ئائىلە ئىستانبۇلغا كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەھمەد بەشىنچى سىنىپنى ئىستانبۇل باھچەلىئەۋلەردە ئوقۇدى. ئىستانبۇلدا ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى، ئارقىدىن بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزدى. 1984- يىلى باكلاۋورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇ مەكتەپتە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەسىدە ماگېستىرلىق، سىياسەت ئىلمىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1990- يىلى مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياردەمچى دوتسېنت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر كافېدىراسىنى ئاچتى ۋە كافېدىرا باشلىقى بولدى. 1993- يىلى دوتسىنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1995- يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، 1999- يىلىغىچە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە ئاكادېمىك خادىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ئوخشاش ۋاقىتتا 1998- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ لېكسىيە سۆزلىدى. 1999- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن داۋۇتئوغلۇ، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاقساقاللار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. شۇ يىللاردا يەنە مەرمەر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس ئۆتتى.

1980 – يىللاردا تونۇشقان ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باش مىنىستىر بولۇشى بىلەن ئۇنى (داۋۇتئوغلۇنى) باش مەسلىھەتچى قىلىۋالدى. يەنە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇۋاتقان مەزگىللەردە تونۇشقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى ۋە گويا بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرىگە ئوخشاشلا تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، قىبرىس (سىپرۇس) مۇزاكىرىلىرى، ئىراق ئۇرۇشى دېگەندەك بارلىق ساھەلەردە پائال رول ئوينىدى.

خەلقئارالىق مۇزاكىرىلەرگە رەسمىي سۈپەت بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 2003- يىلى 18- يانۋاردا ئۆز دەۋرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەر ۋە باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قارار ماقۇللىنىپ باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى بېرىلدى. 2009- يىلى 11- مايدا پارلامېنت سىرتىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ 2011- يىلى 12 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سېپىدىن 24- نۆۋەتلىك كونيا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى.

تاشقى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى نەزىرىيە تەتقىقاچىسى سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم سەھنىسىدە تونۇلغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ تاشقى سىياسەت تېمىسىدا يېزىلغان كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلىرى بار بولۇپ، سېلىشتۇرمىلىق مەدەنىيەتلەر تارىخى ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر، سېلىشتۇرمىلىق سىياسەت پەلسەپىسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا يېزىلغان مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياپون، پورتۇگال، رۇس، ئەرەب، پارىس ۋە ئالبان تىللىرىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇ 2001- يىلى ئاپرېل ئېيىدا نەشردىن چىققان «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» (Stratejik Derinlik) (تۈركچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئۇ يەنە 1993- يىلى نەشر قىلىنغان «تاللاشقا بولىدىغان پارادىگمالار» (ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابى ئارقىلىق ئىسلام بىلەن غەربنىڭ سىياسەت چۈشەنچىسى توغرىسىدا سېلىشتۇرمىلىق ئانالىز ئېلىپ باردى. ئىنگلىز تىلىدا يېزىپ 1994- يىلى نەشر قىلدۇرغان «مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى» ناملىق كىتابىدا بولسا، غەرب مەدەنىيىتى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىرىزىس ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۇ كىرىزىسنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە شەرت – شارائىتى ئوتتۇرىغا قويدى. 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ۋە ئانالىزلىرى توپلانغان ‹يەر شارى خاراكتېرلىك چۈشكۈنلۈك» ناملىق سۆھبەت ۋە ئانالىزلار توپلىمى 2002- يىلى نەشىردىن چىقتى. 2013- يىلى «نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە» ناملىق يەنە بىر سۆھبەت خاتىرىلىرى توپلىمى نەشردىن چىقتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق كىشىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ، قوشنا ئەللەر بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى قاراش ۋە ئاكتىپ دىپلوماتىيە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ساھەدە كۈچ چىقاردى.

كۆپلىگەن جەھەتلەردە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارغا قەدەم باسقان پىروفېسسور داۋۇتئوغلۇ 2010- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە زىيارەتتە بولدى. شۇ قېتىملىق زىيارىتى بىلەن داۋۇتئوغلۇ ھەم قەشقەردە زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قەشقەردىن باشلىغان تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى، دېگەن نامغا ئېرىشتى...

ئانا تىلى تۈركچىدىن باشقا ئىنگلىز، ئەرەب ۋە نىمىس تىللىرىنى بىلىدىغان داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى ئەڭ يۇقىرى 100 زىيالىيسى قاتارىغا كىردى. ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن سىياسەت رېئاللىقى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق يارىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پىروفېسسور دوكتور ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ھازىرمۇ (2014- يىلى) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

1984- يىلى سارە داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئۆيلەنگەن ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ سەفۇرە، مەمنۇنە، مەھمەت ۋە ھاجەر بۈكە ئىسىملىك ئۈچ قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار.

ئەسلىدىكى مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

تۈركىي دۆلەتلەر تىزىملىكى

تۈركىي دۆلەتلەر تارىخ بويىچە تۈركي خەلقلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەل دۆلەت، قارام دۆلەت، بەگلىك ۋە مۇستەقىل بەگلىك ۋە جۇمھۇرىيەت، ئىمپىراتورلۇق ۋە خانلىق، قاغانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەتلەر تېزىملىكى

تىزىملىكتە 26 دۆلەت بار بولۇپ، خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىنغان 500 دۆلەت ۋە ب د ت غا ئەزا 193 مەملىكەت ۋە ۋاتىكان قاتارلىقلار.

1971- يىلىدىن ئىتىبارەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان، لېكىن خەلقئارا قانۇن ۋە مۇتېۋدېئو كونۋسيونىغا كۆرا دۆلەت دەپ قەبۇل قىلىنغان مەملىكەت: جۇڭگو جۇمھۇرىيىتى

ب د ت نىڭ 46 ئەزاسى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغان، لېكىن ب د ت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىغان دۆلەت: سەھرايى كەبىر دېموكراتىك ئەرەب جۇمھۇرىيىتى (غەربىي سەھرا)

ب د ت ئەزاسى 91 دۆلەت ۋە تەيۋەن تەرىپدىن ئىتىراپ قىلىنغان دۆلەت: كوسوۋا

تۈركىيەدىن باشقا ھېچبىر ب د ت ئەزاسى دۆلەت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىغان دۆلەت: شىمالىي سېپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتى

رۇسىيە، ۋېنسۇئېلا ۋە نىگاراگۇئادىن باشقا ب د ت ئەزاسى دۆلەت تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىغان دۆلەتلەر: ئابغازىيە (گروزىيە) ۋە جەنۇبىي ئوسېتيە (گروزىيە)

ب د ت ئەزاسى ھېچبىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان دۆلەتلەر: تاغلىق قارابارغ (ئەزەربەيجان)، ترانسدىنيېستېر (مولداۋىيە)، سومالىلەند (سومالى)قاراڭ: ئېتىراپ قىلىنمىغان دۆلەتلەر

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. Ömer celık

تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرغان.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تۈركىيەدىكى چوڭ سىياسى پارتىلەردىن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.

ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان ،مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982)ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى.

تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى.1980-يىلىغا قەدەر ،بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى،يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.

1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى،1985-يىلىدا بولسا،رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK ) ئەزاسى بولدى.ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا،باشقا سياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ سياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئشلىدى.سياسەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېىلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەدرغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ،يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى.

1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،سياسى ئېقتىدارى ،ھەمكارلىشپ ئشلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئېقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومترلىق يىڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن،كىرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى.

ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە،بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا ،مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى››( Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti) )نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.

ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان ،قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېر ناھىي ،ىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى.بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرر ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامنىتقا كىردى.

2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققى قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا ويدى.

دىموكراتىيلىشش،ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى.تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى.دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى.دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى،تۇرالغۇلار،مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئشقا كىرشتۇرۇلدى.ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ‹‹ئاۋاسسز ئنقىلاپلىرى››سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.

بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھكرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى.تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئيۇلىكى ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن بۇيۇك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى.ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى 12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%‹‹قوللايمىز››ئاۋازىغا ئېرىشپ ،رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.

2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ 49.8%گە ئېرىشپ قايتا بۇيۇك بىر زەپەر قازاندى.3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بىلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قىتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سياسى تارىخىدىكى بىر يېىڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى.تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى.

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چوڭ سايلامدا جۇمھۇر باشقىنى (رەئىس جۇمھۇر) بولۇپ سايلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆيلەنگەن ۋە 4 بالىنىڭ دادسى.

غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا

غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ياكى غەربىي ئاسىيا، ئاسىيانىڭ غەربى قىسمىغا بېرىلگەن نام بولۇپ، كافكازىيەنىڭ بىر قىسمى، ئوتتۇرا شەرق، ئاناتولىيە ۋە مىسسوپوتامىيە، ئىران ئىگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جەنۇبتا پارس قولتۇقى ۋە ھىندى ئوكيان، غەربتە قىزىل دېڭىز ۋە ئاق دېڭىز، شىمالدا قارا دېڭىز ۋە ھازار دېڭىزى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ.

بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بولسا: ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەيىن، شىمالىي سېپروس، سىپرۇس، گرۇزىيە، ئابغازىيە، شىمالىي ئوسەتىئا، ئىران، ئىراق، ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، ئىئوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋان، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇرىيە، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە يەمەن قاتارلىقلار.

غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلماندۇر.

ياۋروپا ئىتتىپاقى

ياۋروپا ئىتتىپاقى

باش شتابى بېلگىيەنىڭ بېريۇسسېل شەھىرىدە،ئەسلىدىكى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىن تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەن.24 خىل تىل ئىشلىتىدۇ.

ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ماسترېخېد رەھبەرلەر يىغىنى 1991-يىلى 12-ئايدا،«ياۋروپا ئىتتىپاقى نىزامنامىسى»نى ماقۇللاپ،1993-يىلى 1-نويابىردا رەسمى كۈچكە ئىگە بولۇپ،ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىققا كەلگەن.2012-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان لونپي،ياۋروپا ئىتتىپاقى كومېتىتىنىڭ رەئىسى باروززو،ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتېن.شۇرس.

ئومۇمى نوپۇسى 502486499،يەر مەيدانى 4324782 كۋادرات كىلومېتر،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 34038 ئامېرىكا دوللىرى،پۇل بىرلىكى ياۋرو.

ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە ياۋروپادىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان،رايون خارەكتېرلىك خەلقئارالىق تەشكىلات.ئەزا دۆلەتلەر بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشكىلاتقا تاپشۇرغان. مەسىلەن،پۇل،پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى،ئىچكى بازار،تاشقى سودا قاتارلىق.

ئەزادۆلەتلەر:ئاۋستىرىيە،بېلگىيە،بۇلغارىيە،سىپرۇس،كرودىيە،چېخ،دانىيە،ئىستونىيە،فىنلاندىيە،فرانسىيە،گېرمانىيە،گرېتسىيە،ۋېنگرىيە،ئېرلاندىيە،ئىتالىيە،لاتۋىيە،لىتۋا،ليۇكسېمبۇرگ،مالتا،گوللاندىيە،پولشا،پورتۇگالىيە،رومىنىيە،سلوۋاكىيە،سلوۋېنىيە،ئىسپانىيە،

شۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق 28 دۆلەت

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە سىياسى ئىقتىسادى گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ رايون مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان سىياسىي ئىقتىسادى تەشكىلات بولۇپ، باش شىتابى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت مەيدانغا كەلدى. ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تارىختىكى شانۇ-شەۋكىتىدىن ئايرىلىپ، سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ۋە خەلقارا سىياسى-ئىقتىسادتا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، گېپىنى ئاڭلىمىسا بولمايدىغان كۈنگە قالدى.

بۇ ياۋروپالىقلار ئۈچۈن قاتتىق ئويلىنىش ئېلىپ كەلدى. ياۋروپالىقلار دۇنيا خەرىتىسىگە قاراپ، ناۋادا يالغۇز ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايانغاندا پۈتكۈل ياۋروپانىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سىياسىدا ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئورۇن تۇتالمايدىغانلىقىنى، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچلۈك ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ بىرلىككە كېلىش لازىملىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ياۋروپادا بۇرۇندىنلا بار بولغان ئۆزئارا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تېنچ بىرلىكتە ياشاش ئارزۇسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم كۈچەيدى. 1946-يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ھەتتا ياۋروپا فىدىراتسىيىسى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتىپاقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەكلىۋىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1957-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى فرانسىيەغەربىي گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىيۇكسىمبورگ دىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت رىمدا ئالدى بىلەن، پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ۋە يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا چېگرا بېجى، تاموجنا، باج ۋە ئەركىن بازارنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈپ مەنپەئەتلىرىنى بىرلىكتە قوغداپ، تاشقى سىياسەت ۋە خەلقارا ئىقتىسادى مەسىلىلەردە ئوخشاش ئاۋاز بىلەن پىكىر قىلىش مەقسەد قىلىنغان ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇردى. بۇ رىم ئەھدىنامىسى دەپ ئاتالدى.

1965-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالتە دۆلەت يەنە بىريۇسسېل ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا پولات-كۆمۈر ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گەۋدىنى1967-يىلى 7-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى. ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرغان دۆلەتلەر ياۋروپادىكى ئەڭ باي ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولغانلىقتىن ئورتاق گەۋدىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ يۇقىرى بولدى، 1973-يىلى ئەنگلىيە، دانىيە، ئېرلاندىيە، 1981-يىلى گىرىتسىيە،1986-يىلى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتناشتى. 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ماستېرىت باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئورتاق پۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 1993-يىلى ماستېرىت ئەھدىنامىسى كۈچكە ئىگە بولۇپ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دەپ ئاتالدى. 1995-يىلى ئاۋستىرىيە، شىۋىتسىيە، ۋە فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتىپاقىغا قاتنىشىپ ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەز دۆلەتلەر 15كە يەتتى.

1999-يىلىغىچە بولغان نەچچە يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى %3 ئەتراپىدا بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامىتى 1993-يىلىدىكى 17مىڭ دوللاردىن 21مىڭ دوللارغا ، ئومۇمى ئىقتىسادى دارامىتى1993-يىلىدىكى ئالتە تىرلىيون دوللاردىن 2002-يىلىدىكى 10تىرلىيون دوللارغا يەتتى. ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى مۇۋەپپىقىيىتى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى جەلپ قىلدى. 1999-يىلى ياۋروپا ئىتىپاقى رەسمىي تۈردە ياۋرونى بازارغا سېلىپ، ئەنگلىيە، گىرىتسىيە، شىۋىتسىيە، دانىيەدىن باشقا بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلىرىنىڭ پۇل سوممىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى، گىرىتسىيە 2001-يىلىدىن باشلاپ ياۋرۇ ئىشلەتتى. 2002-يىلى ياۋروپا ئىتىپاقى باشلىقلار يىغىنى قارار سىپرۇس، ۋېنگىرىيە، چېخ، سىلوۋاكىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، مالتا، پولشا، سىلوۋونىيە قاتارلىق 10 ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلىتىنى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يۇقارقى ئون دۆلەت رەسمى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالدى. 2007-يىلىدىن باشلاپ رومىنىيە ۋە بۇلغارىيەمۇ ياۋروپا ئىتىپاقىغا قاتناشتى. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 27 دۆلەت رەھبىرى بېريوسىلدا ئالاھىدە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بېلگىيە باش ۋەزىرى خىرماننى دائىمىي رەئىسلىككە سايلاپ چىقتى.

ياۋرۇپا ئەللىرى

ياۋروپا /Avrupa Yawropa

ئالبانىيە / Albaniye

ئاندوررا / Andorra

ئەرمېنىيە /Ermenistan Erméniye

ئاۋستىرىيە /Avusturya Awstiriye

بېلورۇسسىيە /Belarus Bélorussiye

بېلگىيە /Bélgiye

بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا /Bosna-Hersek Bosniye we Hérségowina

بۇلغارىيە /Bulgaristan Bulghariye

كرودىيە / Krodiye; خورۋاتىيە / Xorwatiye

سىپرۇس / Siprus

چېخ جۇمھۇرىيەتى /Çek Cumhuriyeti Chéx jumhuriyeti

دانىيە / Daniye

ئېستونىيە /Estonya Éstoniye

فىنلاندىيە /Finlandiya Finlandiye

فرانسىيە /Fransa Fransiye

گرۇزىيە / Gruziye

گېرمانىيە /Almanta Gérmaniye

گرېتسىيە / Grétsiye

ۋېنگرىيە / Wén’griye

ئىسلاندىيە /İzlanda Islandiye

ئىرلاندىيە /İrlanda Irlandiye

ئىتالىيە /İtalya Italiye

لاتۋىيە / Latwiye

لىختېنشتېين / Lixténshtéyn

لىتۋا / Litwa

ليۇكسېمبۇرگ /Lüksemburg Lyuksémburg

ماكېدونىيە /Makedonya Makédoniye

مالتا /Malta Malta

مولدوۋا / Moldowa; مولداۋىيە / Moldawiye

موناكو /Monako Monako

چېرنوگورىيە / Chérnogoriye

گوللاندىيە /Hollanda Gollandiye

نورۋېگىيە /Norveç Norwégiye

لەھىستان /Polanya Polsha

پورتۇگالىيە /Portekiz Portugaliye

رۇمىنىيە /Romanya Ruminiye

رۇسىيە /Rusya Rusiye; روسسىيە / Rossiye

سان مارىنو /San Marino San Marino

سېربىيە / Sérbiye

سلوۋاكىيە /Slovenya Slowakiye

سلوۋېنىيە / Slowéniye

ئىسپانىيە /İspanya Ispaniye

شىۋېتسىيە / Shwétsiye

شۋېتسارىيە / Shwétsariye; شىۋىتسارىيە / Shiwitsariye

ئۇكرائىنا /Ukrayna Ukraina

چوڭ برىتانىيە / Chong Britaniye

ۋاتىكان شەھىرى /Vatikan Watikan shehiri

ياۋروپا
غەربىي ياۋروپابېلگىيە - فرانسىيە - ئىرلاندىيە - ليۇكسېمبۇرگ - موناكو - گوللاندىيە - بۈيۈك بېرىتانىيە
شىمالىي ياۋروپادانىيە - فىنلاندىيە - ئىسلاندىيە - نورۋېگىيە - شۋېتسىيە
ئوتتۇرا ياۋروپائاۋسترىيە - چېخ جۇمھۇرىيەتى - گېرمانىيە - ۋېنگرىيە - لىختېنشتېين - لەھىستان - سلوۋاكىيە - شۋېتسارىيە
شەرقىي ياۋروپابېلورۇسسىيە - ئېستونىيە - لاتۋىيە - لىتۋا - مولدوۋا - ئۇكرائىنا
جەنۇبىي ياۋروپائالبانىيە - ئاندوررا - بوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىنا - بۇلغارىيە - كرودىيە - گرېتسىيە - ئىتالىيە - كوسوۋو - ماكېدونىيە - مالتا - مونته‌نەگرو - پورتۇگالىيە - رومىنىيە - سان مارىنو - سېربىيە - سلوۋېنىيە - ئىسپانىيە - ۋاتىكان شەھىرى
ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىئەرمىنىيە - ئەزەربەيجان - سىپرۇس - گرۇزىيە - رۇسىيە - تۈركىيە
ياۋروپا - ئامېرىكا قىتئەسى - ئاسىيا - ئافرىقا - ئوكيانىيە - ئانتاركتىدا

باشقا تىلاردا

This page is based on a Wikipedia article written by authors (here).
Text is available under the CC BY-SA 3.0 license; additional terms may apply.
Images, videos and audio are available under their respective licenses.