جەنۇب

جەنۇب كۈنگەي، تۆرت ئاساسلىق تەرەپنىڭ بىرى. جەنۇبىي قۇتۇبقا ئىشارە قىلىنىدۇ.

ھەقىيقى جەنۇب (جوغراپىيىلىك جەنۇب)

مۇقىم، ئۆزگەرمەس. يەرشارى يەر ئوقىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىنىڭ يەر ئوقى بىلەن جەنۇبتا ئۇچراشقان نوقتىسى جۇغراپىيىلىك جەنۇب دەپ ئاتىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەر يۈزىدە جەنۇبىي قۇتۇب جايلاشقان نوقتا. شىمالىي قۇتۇبنىڭ دەلمۇدەل قارشىسى.

قاراڭ

جەنۇبىي ئاڧرىقا

جەنۇبىي ئامېرىكا

جەنۇبىي ئاسىيا

جەنۇبىي جۇڭگو

جەنۇبىي شىنجاڭ

جەنۇبىي قۇتۇب

جەنۇبىي ياۋروپا

جەنۇبىي يېرىم شار

جۇغراپىيىلىك تەرەپلەر

شەرقىي شىمال
شىمال

غەربىي شىمال
شەرق دۇنيا غەرب
شەرقىي جەنۇب
جەنۇب
غەربىي جەنۇب
جۇغراپىيىلىك تەرەپلەر

شەرق | غەرب | شىمال | جەنۇب

جغراڧىيلك ترڧلەر
جۇغراڧىيەلىك تەرەڧلەر
ئارال شەھىرى

ئالار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، شىمالدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى تاغلىق، جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغىچە، شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربتە كەلپىن ناھىيىسى، ئەتراپى ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، تېرەڭ دەرياسى، دولان دەريا سۈيى سىستېمىسىغا تۇتىشىدۇ. جۇغراپىيەلىك كوئوردىناتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′30°80 تىن ′58°81 غىچە، شىمالىي پاراللېل ′ 22°40 دىن ′57°40 ئارىلىقىدا. شەرقىي تەرىپى شايار ناھىيەسى، غەربىي ساي ئاۋات ناھىيىسى، جەنۇب، شىمالىي تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، شەرقىي شىمال ئۇلاش توقسۇ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرق - غەرب ئارىلىقى 810 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىر كېلىدۇ. قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان بولغان ئارلىقى يېقىن، بىر قەدەر مول بولغان چېگرا ئېغىزى ۋە چېگرا سودىسى بايلىقىغا ئىگە. ئالار ئۇيغۇر تىلىدا « يېشىل ئارال» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئاسىيا

ئاسىيا ئاسىيا قىتئەسى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىتئەسى بولۇپ، غەرىپ تەرەپتە ياۋروپا قىتئەسى بىلەن تۇتۇشۇپ، ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنى ھاسىلق قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنى شەرقتە تېنىچ ئوكيان، شىمالدا شىمالى مۇز ئوكيان، جەنۇپتا ھىندى ئوكيان بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ.

ئاسىيا قىتئەسىدە ھەرخىل يەرشەكىللىرى بار، يەرشارىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسى، ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىقلار ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان.

ئاسىيا دېگىنىمىز قەدىمكى "فىنىكىيە" تىلىدا قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

ئاسىيا قىتئەسى يەرشارىنىڭ شەرقىي يېرىم شارىغا چايلاشقان بولۇپ، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيان، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان، شەرقتە تېنچ ئوكيان، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىزلارغا تۇتىشىدۇ. شەرقىي- شىمال تەرىپى ئۇرال تاغلىرى، ئۇرال دەرياسى، بۈيۈك كاۋكاز تاغلىرى، بوسپورۇس بوغۇزى ۋە داردانىل ئارقىلىق ياۋرۇپا بىلەن چىگرالىنىدۇ. غەربىي- جەنۇب تەرەپتە، سۇۋەيىش قانىلى ۋە قىزىل دېڭىز ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ. شەرقىي- جەنۇپتا، دېڭىزلار ئارقىلىق ئوكيانىيەدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرەپتە بولسا، بېرىنگ بوغۇزىدىكى 86 كىلومېتىرلىق ئارىلىق بىلەن شىمالىي ئامېرىكىغا ئۇلىشىپ تۇرىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مېردىئان كەڭلىكى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، شەرقتىن غەبكە بولغان ۋاقىت پەرقى 11 سائەتكە يېتىپ بارىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 44 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، يەرشارى قۇرۇقلۇقىنىڭ ٪29.4نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى شۈبھىسىزكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىتئە ھېساپلىنىدۇ.

ئاقتو ناھىيىسى

ئاقتو ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Aqto Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقتۇ ناھىيىسى پامېر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق قىسمى يېڭىسار ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب قىسمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان نىڭ ئوش ئوبلاستى، تاجىكىستان نىڭ تاغلىق باداخشان ئاپتونوم ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 344 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 283 كىلومتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 216 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىرمىڭ 512 كىلومېتىر.

ئاقسۇ ۋىلايىتى

ئاقسۇ ۋىلايىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Aqsu Wilayiti) تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى]] نىڭ تېكەس ناھىيىسى ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى نىڭ رايىمبەك رايونى بىلەن، قىرغىزىستان نىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر.

ئونسۇ ناھىيىسى

ئونسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Onsu Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئونسۇ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى باي ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسىبىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالىي تەرىپى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 119 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 153 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 167 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 14 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 108 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1001 كىلومېتىر.

توقسۇ ناھىيىسى

توقسۇ ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Toqsu Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. توقسۇ ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 136 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 788 كىلومېتىر.

توققۇزتارا ناھىيىسى

توققۇزتارا ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Toqquztara Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. توققۇز تارا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى تېكەس ناھىيىسىگە، شەرقىي جەنۇب تەرىپى خېجىىڭ ناھىيىسىگە، غەربىي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىگە تۇتۇشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى نىلقا ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 162 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 42 ~ 6 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4515.3 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بىلەن غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر كارخانىسى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 790 كىلومېتىر.

خوتەن ناھىيىسى

خوتەن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. خوتەن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا، قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى دەريا ئارقىلىق قاراقاش ناھىيىسى، گۇما ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرقىي جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر(ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ، (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 كىلومېتىر) ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 42 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېېتىر.

خوتەن ۋىلايىتى

خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى بىر ۋىلايەت بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالى باغرىغاجايلاشقان.ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى بار.ئومۇمى نوپۇسى 2 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

سايباغ رايونى

سايباغ رايونى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى Saybagh Rayoni ) ئۈرۈمچى شەھىرى گە قاراشلىق شەھەر رايونى بولۇپ، جەنۇب ۋە غەربتە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن، شىمالدا يېڭىشەھەر رايونى بىلەن ۋە شەرقتە بولسا كۆكتاغ رايونى ۋە بۇلاقتاغ رايونى بىلەن چېگرالىنىدۇ.

قاغىلىق ناھىيىسى

قاغىلىق ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Qaghiliq Nahiyisi) بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. قاغىلىق ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرپى كەشمىر (پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن تۇتۇشىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر)، غەرب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن ۇتتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 326 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 28 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئۈچ بازار، 17 يېزا، 302 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1514 كىلومېتىر.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Qizilsu Qirghiz Aptonom Oblasti)بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست، غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئايرىم ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىڭ 154 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 140 نەچچە كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 67 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاست مەركىزىي ئاتۇش شەھىرى، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مىڭ 428 كىلومېتىر.

كونا شەھەر ناھىيىسى

قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەيزىۋات ناھىيىسى، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ، شىمالىي تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 113 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 4140.7 كۋادرات كىلومېتىر.

كۈنەس ناھىيىسى

كۈنەس ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Künes Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. كۈنەس ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شارقىي جەنۇب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 921 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7.6446 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە نەش بازار، بەش يېزا، 102 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 520 كىلومېتىر.

كەلپىن ناھىيىسى

كەلپىن ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kelpin Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كەلپىن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 151 كىومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى ئون مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر يېزا، ئۈچ يېزا، 24 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1154 كىلومېتىر.

يېڭىسار ناھىيىسى

يېڭىسار ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، غەرب، جەنۇب تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 60 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 4306.5 كۋادرات كىلومېتىر.

يېڭىشەھەر ناھىيىسى

يېڭىشەھەر ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، قەشقەر دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. شەرق تەرىپى پەيزىۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، شىمال تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى، كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 106 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 69 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 2270.7 كۋادرات كىلومېتىر.

پوسكام ناھىيىسى

پوسكام ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. پوسكامنىڭ يەر مايدانى 999.66 كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 180،000. پوسكام ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، زەرەپشان دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنىمىسىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمال تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 61 كىلومېتىر. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 14 - 23 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 1096.2 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر رايون، 2 بازار، 10 يېزا، 133 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1447 كىلومېتىر.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى توققۇزتارا ناھىيەسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى تېكەس، موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى ۋە قورغاس ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىندۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 كىلومېتىر) . شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8.4645 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 57 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4-شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن-مەيدانى، ئىلى ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسى، تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا قاراشلىق تاغلىق رايون ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 711 كىلومېتىر.

گۇما ناھىيىسى

گۇما ناھىيىسى گۇما ناھىيىىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيىسىۋە قاراقاش ناھىيەىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى بولسا قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى كەشمىر(ھىندسىتاننىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسى ۋە مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 423 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 5.67 5.144 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 41 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا ئالتە بازارلىق، 8 يېزا ۋە ئىككى دانە مىللي يېزا بار بولۇپ 197 كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن تەشكىل تاپقان. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1596 كىلومېتىر. 2012-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 250 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 98 نى، خەنزۇلار 0.01% نى، باشقا مىللەتلەر % 2 گە يېقىن نوپۇسنى تەشكىل قىلغان.

باشقا تىلاردا

This page is based on a Wikipedia article written by authors (here).
Text is available under the CC BY-SA 3.0 license; additional terms may apply.
Images, videos and audio are available under their respective licenses.