جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

ئاسىيا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دەۋلەت. پايتەختى بېيجىڭ، ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەي شەھىرى. دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلى/خەنزۇچە. ھازىرىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. ھازىرىقى باش ۋەزىر/زۇڭلى لى كېچياڭ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 يىلى 10 ئاينىڭ 1 كۇنى مۇستەققىلىقىنى ئېلان قىلغان، يەر مەيدانى 9 مىليون 640 مىڭ 821 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليارد 321 مىليون 851 مىڭ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

中华人民共和国
Zhōnghuá Rénmín Gònghéguó

National Emblem of the People's Republic of China
دۆلەت گېربى
Flag of the People's Republic of China
بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق
China in its region (claimed hatched)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى
دۆلەت گېمنى

پىدائىيلار مارشى

تولۇق ئاتى

قىسقارتما

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

جۇڭگو

قۇرۇلىشى 1949- يىلى 1- ئوغۇز\ئۆكتەبىر
پايتەخت

- ئەڭ چوڭ شەھرى

بېيجىڭ

شاڭخەي

رەسمى تىللەر

- ئېتىراپ قىلىنغان تىللار

خەنزۇچە (ئورتاق تىل)

ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، جۇاڭزۇچە

ئېتنىك بۇدۇنلار
خەنزۇلار 91.51%

ئۇيغۇر(0.79%) قاتارلىق 55 ئاز سانلىق مىللەت 8.49%

ھۆكۈمەت
خاراكتېرى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم
دۆلەت رەئىسى

ج ك پ 1.سېكرىتارى

شى جىنپىڭ
باش مېنىستېر (زۇڭلى) لى كېچياڭ
مەملىكەتلىك خەلق ۋ. قۇر. دائىمىي كوم. باشلىقى لى جەنشۇ
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ
دۆلەت رەئىىسى ئورۇنباسارى ۋاڭ چىشەن
قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى
مەۋجۇد ھەربىي ئارمىيە 2,285,000 كىشى (1نچى)
يەر مەيدانى

- سۇ ساھەسى(%)

9,596,961 كلومتر² (3\4نچى)

3,706,581 ئىنگلىز مىل²
2.8

نۇڧۇس(2015 تەخمىنەن)

- 2010 رەسمى ساناق
- زىچلىقى

1,376,049,000 جان(1نچى)

1,339,724,852 جان (1نچى)
br /> 145/كلومتر²(29نچى)

ئ.ئ.ۇ.ق(2016)

- كىشى باشى

20.853 تىرىلىيون دوللار (1نچى)

US$ 15,095 (دوللار)(83نچى)

پۇل بىرلىكى خەلق پۇلى\يۈەن (¥\CNY)
كالىندار
yyyy\mmmm\dddd

يىل\ئاي\كۈن

قاتناش يۆنلىشى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوڭنى بېسىپ

- شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا سولنى بېسىپ

ۋاقىت رايۇنى بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8)
ئىنتېرنېت cn.
خەلقئارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى 86+

ھەققىدە

Mao proclaiming the establishment of the PRC in 1949
ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى

جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان، دۆلەت شېئىرى « پىدائىيلار مارشى»، دۆلەت گېربى مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي، شال باشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى بېيجىڭ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بويىچە 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار. خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي مىللەت قىلغان، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 91.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.

جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت . جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان.

قۇرۇلىشى

1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،1 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلغان. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىنىدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى » ماقۇللانغان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي يىغىندا سىياسىي كېڭەش 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەيئەتلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، باشقا 56 كىشى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان.

جوغرافىيىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى:

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى :

بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى يەر شەكلى

جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى : تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك % 26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك % 12، ئېدىرلىق% 9.9 . جۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار.

يەر بايلىقى

مەمورىي رايونلار

Regions of China
ۋىلايەت
ئاپتونوم ناھىيە

ئاپتونوم ناھىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قۇرۇلغان ئاپتونوم خاراكتېرىدە قۇرۇلغان ناھىيە دەرىجىلىك مەمورىي ئورگان.

2015- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان 6 ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 120 ئاپتونوم ناھىيە قۇرۇلغان.

باشئەگىم شەھىرى

باشئەگىم شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. باشئەگىمنىڭ يەر مايدانى 590.27 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2012-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.

بېيجىڭ شەھىرى

بېيجىڭ شەھىرى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكى بىر خاھار 2007 نوپۇس بار، بېيجىڭنىڭ 17،430،000 نوپۇسى بار، 924 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 39.54°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 116°23، پوقتانومۇرى 100000 - 102629 رايۇننومۇرى 10. بېيجىڭ بولسا جۇڭگۇونىڭ سىياسى پايتەختى.

بەيتۈن شەھىرى

بەيتۈن شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتى قارايدۇ. بەيتۈننىڭ يەر مايدانى 910.5 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2011-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 76،300.

جياڭسۇ ئۆلكىسى

جياڭسۇ ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2006 نوپۇس بار، جياڭسۇنىڭ 75،495،000 نوپۇسىبار، 102،600 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 33.0°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 120°0.

خېبېي ئۆلكىسى

خېبېي ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 68،090،000 نوپۇسى بار، 187،700 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە نوپۇس جايلاشقان، شىمالى كەڭلىك 40.50°، شەرقى ئۇزۇنلۇق 115°20.

خېبېي سۆزى مەناسى بولسا «دەريانىڭ شىمالى» دېمەكتۇر.

خېنەن ئۆلكىسى

خېنەن ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2007 نوپۇس بار، خېنەننىڭ 98،690،000 نوپۇسىبار، 167،000 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 33.50°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 113°30.

خېنەن سۆزى مەنەسى بولسا «دەريا جەنۇبىدا».

شاڭخەي شەھىرى

شاڭخەي شەھىرى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2007 نوپۇس بار، شاڭخەينىڭ 18،580،000 نوپۇسىبار، 2640.3 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 31.12°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 121°30، پوقتانومۇرى 200000-202100 رايۇننومۇرى 21.

شياڭگاڭ

شياڭگاڭ بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دىكىبىخاھار 2008 نوپۇس بار، شياڭگاڭنىڭ 7،008،900 نوپۇسىبار، 1،108 كۇۋادىرات كىلومەتىر دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 22.3°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 114°2، رايۇننومۇرى 0852.

فۇجيەن ئۆلكىسى

فۇجيەن ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2005 نوپۇس بار، فۇجيەننىڭ 35،110،000 نوپۇسىبار، 121،400 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 26.33°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 117°51.

قوشئۆگۈز شەھىرى

قوشئۆگۈز شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. قوشئۆگۈزنىڭ يەر مايدانى 742.18 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2014-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 53،800.

قۇرۇمقاش شەھىرى

قۇرۇمقاش شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتى قارايدۇ. قۇرۇمقاشنىڭ يەر مايدانى 687.13 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2016-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 47،500.

كۆكدالا شەھىرى

كۆكدالا شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتى قارايدۇ. كۆكدالانىڭ يەر مايدانى 980 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2015-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 80،000.

ناھىيە

ناھىيە (خەنزۇچە: 县\Xiàn) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۆلكە رايونلىرىدا 3- دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايونلاردا بولسا 3- ۋە 4- دەرىجىلىك مەمورىي رايوندۇر. ياپونىيىدە بولسا ئەڭ ئالىي مەمورىي رايوندۇر.[1]

چىڭخەي ئۆلكىسى

چىڭخەي ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2004 نوپۇس بار، چىڭخەينىڭ 5،390،000 نوپۇسىبار، 721،000 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 36.0°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 96°0.

گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسى

گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2005 نوپۇس بار، گۇئاڭدوڭنىڭ 83،040،000 نوپۇسىبار، 177،900 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 23.20°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 113°30.

گەنسۇ ئۆلكىسى

گەنسۇ ئۆلكىسى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىكىبىخاھار 2004 نوپۇس بار، گەنسۇنىڭ 26،190،000 نوپۇسىبار، 454،000 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 38.0°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 102°20.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
ئۆلكەFlag of the People's Republic of China
ئاپتونۇم رايونى
بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر
ئالاھىدە مەمۇرىي رايون
ئاسىيا
شەرقىي ئاسىيا
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا
جەنۇبىي ئاسىيا
ئوتتۇرا ئاسىيا
غەربىي ئاسىيا
ياۋروپا - ئامېرىكا - ئاسىيا - ئافرىقا - ئوكيانىيە - ئانتاركتىدا

باشقا تىلاردا

This page is based on a Wikipedia article written by authors (here).
Text is available under the CC BY-SA 3.0 license; additional terms may apply.
Images, videos and audio are available under their respective licenses.