ئېگىي دېڭىزى

ئېگىي دېڭىزى (تۈركچە: Ege Denizi، يۇنانچە: Αιγαίο Πέλαγος: "ئەگەئو پېلاگوس") ياكى تۈركچە باشقا بىر نامى ئاراللار دېڭىزى، بالقان ۋە ئاناتولىيە يېرىم ئارىلى ئاراسىدا، ئاق دېڭىزغا تۇتاشقان بىر دېڭىزدۇر. مارمارا دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزدىن چاناققەلئە ۋە ئىستانبۇل بوغازلىرى بىلەن ئايرىلغان بۇ دېڭىزنىڭ شىمالى چېكى قۇرۇقلۇق بىلەن ئورالغان بولۇش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي چېكى يۇنانىستانغا قاراشلىق ئاراللاردىن بولغان رودوس ۋە كىرىت بىلەن سىزىلىدۇ. ئېگى دېڭىزىنىڭ پۈتۈن قىرغاقلىرى تۈركىيە ۋە يۇنانىستان ئوتتۇرىسىدادۇر. قارا دېڭىزدىن توشۇلغان نېڧىت مەھسۇلاتلارىنىڭ دۇنيا بازارىغا ئۇلىشىشدا ئاساسلىق يولدۇر.

Location Aegean Sea
Aegeansea
ئاناتولىيە

ئاناتولىيە (تۈركچە: Anadolu)، ياكى باشقا ئىسىمى بىلەن كىچىك ئاسىيا، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ غەربىدە قارا دېڭىز، ئاق دېڭىز ۋە ئېگىي دېڭىزى ئاراسىغا جايلاشقان، تەخمىنەن 755,000 كلومتر²'لىق بىر رايوننى قاپلىغانتاغلىق بىر يارىم ئارالدۇر. ئوسمانلى دەۋرىدە "ئانادولۇ"نىڭ ئەنئەنەۋىي شەرقىي چىگراسى فرات دەرياسى دەپ قەبۇل قىلىناتتى. تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنپ بىرىنچى تۈرك جۇغرافىيە مەجلىسىدىن سوڭرە تۈركىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان قىسمىنىڭ تامامىنى ئوخشاش جۇغرافىيىلىك ئاتالغۇغا داخىل قىلىنغان. بۇگۈن تۈركىيەنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئاتى سۈفەتىدە قوللىنىلماقتا.

مارمارا دېڭىزى

مارمارا دېڭىزى (تۈركچە: Marmara Denizi) قارا دېڭىزنى، ئېگىي دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىزغا باغلايدۇرغان بىر ئىچكى دېڭىزدۇر. قارا دېڭىزغا ئىستانبۇل بوغۇزى، ئېگىي دېڭىزىغا چاناققەلئە بوغۇزى بىلەن باغلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىسىملىرىنى ھەم بىر بىرىدىن ئايرىيدۇ. مارمارا ئارىلىدا مول مىقداردا مەرمەر بولغانلىقى يۈزىدىن ئارالغا ۋە دېڭىزغا، يۇنانچە مەرمەر مەنىسىدىكى "مارماروس" دېيىلگەن. بۇ دېڭىزنىڭ باشقا بىر قەدىمى ئىسىمى بولسا "پروپونتىس" دۇر. تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بولمىش ئىستانبۇل ۋە ئىزمىت بۇ دېڭىز بويىدا، باشقا بىر چوڭ شەھەر بولغان بۇرسا بولسا سۈرئەت بىلەن بۇ دېڭىز بويىغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

باشقا تىلاردا

This page is based on a Wikipedia article written by authors (here).
Text is available under the CC BY-SA 3.0 license; additional terms may apply.
Images, videos and audio are available under their respective licenses.