ئىقتىسادشۇناسلىق

ئىقتىسادشۇناسلىق

Ballard Farmers' Market - vegetables
ئىقتىسادشۇناسلىق
ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن: ئالى سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى،دورىگەرلىك ئىلمى دوكتۇرى،ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرى،باشقۇرۇش ئىلمى دوكتۇرى . 1972-يىلى شىنجاڭ چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر كارخانىچى.ئۇ ئىپار بىئو پەن-تىخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا ھەمدە شىركەتنىڭ 1998-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان مۇۋاپىققىيەتلىك تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 2012-يىلى مەملىكەتلىك پەن-تىخنىكىدىكى مۇنەۋۋەر شەخىس ،ھازىر ئىپار كارخانا سىستىمىسىنىڭ يېتەكچىسى، ئىپار دورىگەرلىكى پاي-چەكلىك شىركىتىڭمۇدىرىيەت ئىدارسىنىڭ رەئىسى ۋە ئىجرائىيە دىرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ جۇڭگۇ تىببىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ تارمىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايۇنلۇق دورا تەتقىقات مەركىزى يېڭى دورا تەتقىقاتچىسى ،15- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتى ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ مىللىي دورىگەرلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگۇ ئىرسىيەت ئىلمىي جەمىيىتى شىنجاڭ تارمىقى دائىمى ھەيئىتى ، شىنجاڭ ياش كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى، جۇڭگۇ ياش كارخانىچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئىجرائىيە ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى:شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى، ياپونىيە خىروشىما ئۇنۋىرسىتىتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ MBA ئىنىستىتۇتى، ۋۇخەن ئۇنۋىرسىتىتى ، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى.

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن تەرەققىيات جەريانىدا، يىڭىلىق يارىتىشنى مەركەز قىلغان كارخانا قىممەت قارشى ۋە كارخانا مەدىنىيىتىنى شەرھىيەلەپ چىقتى ، خەلقارا رىقابەت جەريانىدا ، كارخانا ئۇقۇمى چەك- چىگرىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، ھەر بىر ئىپارلىقنى ئىستىمالچىلار ئۇچۇن قىممەت ياراتىش جەريانىىڭ ئوز قىممىتىنى يارىتىش جەريانى ئىكەنلىگىنى بىلدۇردى ، شۇ ئارقىلىق ئىپار ماركا قىممىتىنى ئۇزلۇكسىز يۇقۇرى كۇتۇردى،.ئۇ ئۇتتۇرغا قويغان <<سەمىمىيلىك ئاساسىغا قورۇلغان ئۈزلۈكسىزلىك ۋە ئاكتىپلىقنى مۇكاپات بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش سىستىمىسى" - ئىپارنى تور دەۋرىدە تىخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىگە ئىرىشتۈردى .

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن، 2001- يىلى ئىپار بىئو- پەن تىخنىكا شىركىتىنى قۇرغان ۋاقىتتىكى شارائىتى ناچار، تەتقىقات مەبلىغى قىيىنچىلىقى ئېغىر شارائىتتىن ،ئۇزلىكسىز يىڭىلىق يارىتىش ۋە دەۋىرگە ماسلاشقان كارخانا تەرەققىيات سىتىراتىگىيسى ئاساسىدا ئىپارنى يىتەكلىدى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇروپ ئىپارنى ھازىرقى كەسىپ ئالاھىدىكىگى ئىنىق خېرىدالىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ياۋروپادىكى 10 نەچچە دولەت رايۇنغا كەڭەيگەن ، ئۇمۇنىمەبلىغى 120 مىلىيوندىن ئاشقان ، رىقابەت كۇچىگە تۇلۇپ تاشقان كارخانا گوروھىغا ئايلاندۇردى، ھازىرقى ئىپار ، ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولغان بىئۇ تىبببىي دورا سانائەت كارخانىسى دەپ قارالماقتا.

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن،1995- يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپى تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەندىن كىيىن جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ تار مىقى- شىنجاڭ ئۇيغۇ ر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق دورا تەتقىقات مەركىزىدە يىڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، شۇ مەزگىلدە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىتى دورىگەرلىك كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىشىنى تاماملىدى. 1998-يىلى شىنجاڭ ئالاھىدە دورا ئۆسۈملۈكلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ ياپونىيىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىدى. 2001- يىلى ئاياللار كىسەللىگى تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا ، بىئولوگىيىلىك دورا تەتقىقاتى تىپىدىكى كارخانا - ئۈرۈمچى ئىپار بىئو پەن- تىخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى ۋە" تىخنىكىنى ئۇستۇنلىگى " - بىرىنچى قىتىملىق ماركا تەرەققىيات ئىستىراتگيەىسى بىكىتتى .ئۈرۈمچى دۆلەتلىك چەتئەلدە ئۇقۇپ قايىتقان (دوكتۇر) ئوقۇغۇچىلاركارخانىلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشىپ، تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات تۇر مەبلىخىگە ئىرىشتى.

2003-يىلى، ئىپار بىئو تىخنولوگىيىسىنىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىسى << كۈن چىچەك>> خانىملار تابلىتى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پەن- تەخنىكا نازارىتىنىڭ تۈر تەكشۈرۈپ بىكىتىشىدىن ئۆتۈپ، يۇقىرى - يىڭى تىخنىكىلىق مەھسۇلات دەپ بىكىتىلدى .

2003-يىلى ، ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ئىپارنىڭ تۇنجى تەتقىقات نەتىجىسى << كۈن - چىچەك>> خانىملار تابلىتى ئاساسىدا،بازار سىتىراتىگىيىسىنى بىكىتىپ، بىۋاستە سىتىش ،مەخسۇس سېتىش ئورنى شەكلىدە شىنجاڭ بازىرىغا كىردى،ۋە رايۇنىمىزدا بۇ سودا ئەندىزىسىدە تەرەققى قىلغان تۇنخى كارخانا بۇلۇپ ، شىنجاڭ رايۇنىدا بۇساھەنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ۋە كىيىنكى نۇرغۇن كارخانىچىلارنىڭ يىتىشىشىدە تۇرتكىلىك رول ئوينىدى ..

2005-يىلى ئۇ، ئىپار بىئو پەن- تىخنىكا شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قىتىملىىق تەرەققىيات سىتىراتىگىيىسى بولغان- "خەلقارالىشىش سىتىراتىگىيىسىنى " بىكىتتى ، قىرغىزىستاندا ئىپارنىڭ تولۇق مەبلەغلىك شىركىتنى قۇرۇش بىلەن ، قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ۋە تاجىكىستان بازارلىرى ئېچىلىپ ،ئىپار پەيدىن- پەي ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدا كوزگە كۇرۇنەرلىك ماركا بۇپ قالدى .

2008-يىلى ،لېدىر ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ،" ئىسكىلاتنى يۇقۇتۇش " پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، ئىسكىلاتتا توۋار ساقلىماسلىق ، تىز تەمىنلەش سىتىرا تىگىيىسىنى يولغا قويدى ۋە ماس ھالدا بىرلىككە كەلتۇرىلگەن لوگىستىك مەركەزى قۇرۇلدى بۇ ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئىپارغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە كىچىكلەتتى .

2008-يىلى 4-ئايدا ئۇ باش بولۇپ يىڭى- ئىجادى دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللىنىدىغان يۇقۇرى تەخنىكىلىق شېركەت كىرىيە تىببىي دورا شىركىتىنى قېتىۋالدى .

2010-يىلى ، مەبلەغ ئوتتۇرا ئاسىيادا مەبلەغ سېلىپ ، جۇڭگۇ كارخانىلېرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى GMP زامانىۋى دورا زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى ، ۋە كىيىنكى << تاموژنا يىشىل قورغان چەكلىمىسى >>نىڭ جوڭڭو كارخانىلىرىغا بولغان خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى ،شۇنداقلا ئىپار " ئوتتۇرا ئاسىيا – روسىيە- تۈركىيە" تاۋار لىنىيىسى قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

2010-يىلى4 –ئايدا ئىپار(تۇركىيە) كەسپى ئېچىلدى ،ۋە ئىپارنىڭ ياۋرۇپا-ئاڧرىقا كەسپى ئېچىلغانلىقىدىن دىرەك بەر دى.

2011-يىل 3-ئايىدا ئىپار شىركىتىنڭ Bioact مارىكىسدىكى گىرىم-بۇيۇملىرى ئىشلەپ چىقىرلىپ ئىپار توردا سىتىشقا كىرىشتى.

2011-يىلى5-ئايدا ، لېدىر ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن، قىرغىزىستاندىكى Stroi قۇرۇلۇش شىركىتىنى قېتىۋېلىپ قىرغىزىستاندا 24000كۋادىرات مىتىرلىق ئىپارلىقلار ئولتۇراق رايۇن قۇرۇلىشىنى تاماملىدى.

2011-يىلى 8-ئايىدا ئىپار(روسىيە)شىركىتى ئىشقا كىرىشتى.

2012-يىلى 10-ئايىدا ئىپار شىركىتىنڭ GMP دورا ئوراپ قاچلاش زاۋۇتى قۇرۇلىدى.بۇ ئارقىلىق ھەريىلى سانائەت ئەخىلىتى 30 توننا ئازايىتىلدى ،ئاتموسفىراغا قۇيۇۋېتىلگەن كىرەكسىز گاز مىقىدارى كىمەيىتىلدى ، ئىپار تورىنى ھەر يىلى 2050000 دانە تۆۋەن كاربۇنلۇق مەھسۇلات تەمىنلەندى .

2012-يىلى 3-ئايىدا، ئىپار دورىگەرلىكى پاي ھەسسىدارلىق قورولمىسىنى تەڭشەش ئۇچۇن ، ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ئۇرۇمىچى دولەتلىك يۇقىرى -تىخنىكا تەرەققىيات رايۇنىدىكى GMP زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى،ئىپار سېستىمىسىنى تەمىنلەشنى كۇچى يۇقىرى كۆتۇرۇلىدى.

2013-يىلى بىيجىڭىد ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن مەشھۇر كارخانىچى ، خەيئېر ەۇرۇھىنىڭ يىتەكچىسى جاڭ رۇي مىن ئەپەندى بىلەن ئۇچرۇشۇپ ، ئۇچۇر دەۋرىدىكى كارخانىلارنىڭ يىڭى يۈزلىنىشى ۋە باشقۇرۇشتا يىڭلىق يارتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشىتۇردى.

2014-يىلى3-ئايىدا ، ئابدۇلھەكىم مۇھەممەت ئىمىن ئامىرىكا ئىپار شىركىتى قۇرۇلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، ئىپارنىڭ

ئولىۋېر سىمون ئارسي خارت

2016-يىللىق ئىقتىسادشۇناسلىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى

ئىسلام كەرىموۋ

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. ئىسلام ئابدۇغەنىۋېچ كەرىموۋ (لاتىن ئۆزبەكچە:Islom Abdug‘aniyevich Karimov، كىرىل ئۆزبەكچە: Ислом Абдуғаниевич Каримов؛ رۇسچە: Ислам Абдуганиевич Каримов)، (ت. 30 قەھرىتان 1938، سەمەرقەند)، 1990- يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئەلباشى. دىپلومات گۇلنارە كەرىموۋانىڭ دادىسى. دۇنيادىكى نامى چىققان، ئالدىنقى قاتاردىكى مۇستەبىت.

كەرىموۋ سوۋېت ئىتتىڧاقى تەۋەلىكىدىكى ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى سەمەرقەند شەھرىدە توغۇلۇپ، تاشكەنت شەھرىدە ماشىنسازلىق مۇھەندىسلىگى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان.

2016 دىكى ئەھۋال 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىسلام كەرىموۋ مېڭىسىگە قان تۈشۈپ تاشكەند شەھرىدە جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قالغان. 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆلگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقالغان [1]. لېكىن قىزى لالە كەرىموۋا تاتىيانوۋا 31- تومۇز\ئاۋغۇست كۈنى دادىسىنىڭ ئەھۋالىدا ''ياخشىلىنىش'' كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن،

خەن جېڭ

خەن جېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1954- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ سىشىدىن، 1975- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1979- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى، ئالىي ئىقتىسادچى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

  1975- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە شاڭخەي شۈخۇي كىران بىلەن قۇراشتۇرۇش ئەترىتىنىڭ ئامبارچىسى، تەمىنات- سودا پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1980- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك خىمىيە سانائەت جابدۇقلىرى سانائىتى شىركىتىنىڭ خادىمى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

  1982- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1986- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك خىمىيە سانائىتى ئالىي تېخنىكومى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە شاڭخەي رېزىنكە ئاياغ زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان.

  (1985- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ كەسپىدە ئوقۇغان).

  1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە شاڭخەي «داجۇڭخۇا» كاۋچۇك زاۋۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان).

  1991- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت رايون باشلىقى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى بولغان.

  (1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان).

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەھەرلىك ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد خىزمىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ئاكسىيە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، 1- مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 1- مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، 2010- يىللىق شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولغان.

  2011- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

سۇلايمان ئىسلام

سۇلايمان ئىسلام، 1972-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، 1995-يىلى 7-ئايدا تيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى فاكولتىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى تاماملىغان، 2004-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا، 2007-يىلى ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلدىن 1997-يىلغىچە شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائەت (گوروھ) شىركىتىدە ئىشلەپ، 1997-يىلى 8-ئايدا مالىيە ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كىرگەن. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى. ئاساسلىقى «تەرەققىيات ئىقتىسادشۇناسلىقى»، «ئىگىلىك ئىقتىسادشۇناسلىقى»، «رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى» ۋە « ئالىي مىكرو ئىقتىسادشۇناسلىق» دەرسلىرىنى ئۆتۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 30 دىن ئاتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق ماقالە ئاساسلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، دەرسلىكلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىر ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، غەرب ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. ھەمدە غەرب ئىقتىسادشۇناسلىق ئۆگىنىش قوللانمىسى ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دۆلەت دەرىجىلىك تېمىدىن ئۈچىگە، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تۈردىن ئىككىگە، مائارىپ مىنىستىرلىكى تۈرىدىن ئىككىگە، ھەمدە خەلقئارا توغرا لىنىيىلىك تۈردىن بىرىگە قاتناشقان. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پىلان ئىشخانىسى تۈرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

شان – شەرەپلىرى :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش-تەربىيلەشتىكى ئىلغار شەخس.

ئىجتىمائىي جەمئىيەت قوشۇمچە ۋەزىپىلىرى :

شىنجاڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى؛

شىنجاڭ دېھقانچىلىق نازارىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى؛

شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ژورنىلى تەھرىرى؛

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى؛

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىسى ئىقتىسادىي سىياسەت چۈشەندۈرۈش مۇتەخەسسىسى؛

مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى؛

كارخانىلاردىكى قوشۇمچە ۋەزىپلىرى :

ئىلگىرى ئاۋستىرالىيە تىنچ ئوكيان ئالتۇن چەكلىك شىركىتى باش ئىجرائىيە مۇدىرى (2005.8 –2007.9)

جۇڭگو-ئاۋستىرالىيە شېرىكچىلىكىدىكى تىنچ ئوكيان شىركىتى مۇدىرى، مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ( 2006.7- 2008.7)

ئاۋستىرالىيە مۇستەقىل مەبلىغىدىكى – ئاۋشىن چۇاڭگۇەن مەبلەغ سېلىش مەسلىھەت بېرىش شىركىتى مۇئاۋىن باش دېرىكتورى (2007.7 – 2010.3)

ھازىر شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سېلىش گورۇھىنىڭ مۇستەقىل لېدىرى، مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، مالىيە باش مۇدىرى ۋە باش تۈر مەسلىھەتچىسى.

سەي چى

سەي چى، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن يۇشىدىن، 1973- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇجيەن پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد شۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  1973- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى يۇڭئەن ناھىيەسى شىياڭ گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان.

  1975- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ كەسپىدە ئوقۇغان.

  1978- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدا باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپ بولغان.

  1991- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى بەنگۇڭتىڭ ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بەنگۇڭتىڭ ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1994- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا چۈشۈپ، فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1996- يىلى 3- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  (1994- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1997- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  (1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورىلىق ئۇنۋانى ئالغان).

  2002- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2010- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2015- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (مىنىستىر دەرىجىلىك).

  2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى

قۇدرەت ياقۇپ

شىنجاڭ ئەرقال مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى, ئەينى ۋاقىتا ئۇ كارخانچىلار كۇلۇبى، ئەر خەۋەر تاراتقۇسى، ئەر خىزمەت سۇپىسى، ئەر مائارىپ سۇپىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ماڭغۇزۇپ ئۇتۇق قازانغان. ھازىر نىيۇيوركتا "كاۋاپ ئىمپىريەسى" زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىسنى سىناق قىلىپ ماڭدۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەكىلەتما نامى بالسا "خارۋارد ئەركسى" .

كارل ماركىس

كارل ماركس (ئىنگ:Karl Heinrich Marx، ت. 1818.5.5 — ئۆ. 1883.3.14) پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلېتارىياتىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيىسى، ماركسىزىمنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ پىرۇسسىيىنىڭ رېين ئۆلكىسىدىكى ترىئېر شەھرىدە بىر ئادۋۇكاتنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىر- كېيىن بۇلۇپ بونىن ۋە بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە قانۇن بىلەن پەلسەپىنى نۇقتىلىق ئۈگەنگەن. بىر مەزگىل ياش گېگىلچىلار گۇرۇھىغا قاتناشقان. 1841- يىلى 3- ئايدا ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگەن ۋاختىدا «دېموكرىتنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى بىلەن ئېپىكۇرنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ پەرقى» دېگەن تېمىدا دېسسىرتاتسىيە يېزىپ، گېگىل پەلسەپىسىدىن خۇداسىزلىققا ياتىدىغان رادىكال خۇلاسىنى چىقىرىپ، پەلسەپە بۇيىچە دولتۇرلۇقنى ئالغان. 1842- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ، «رېين» گېزىتىگە ماقالە يازغۇچى بولغان. 10- ئايدا باش مۇھەررىر بولغان. بۇ مەزگىلدە ماركس گىزىتتە ئوبزۇرلارنى يېزىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى چۇڭقۇر پاش قىلغان. ئىدىئالىزىمدىن ماتىرىيالىزىمچىغا، ئىنقىلاۋىي دېموكىراتىزىمچىدىن كومىنىزىمچىغا بۇرۇلىشىغا باشلىغان. 1843- يىلى «رېين» گىزىتى پىچەتلىۋىتىلدى. ماركس يېننى ۋېستفالىن بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ ۋە پارىژغا كۆچۈپ بېرىپ، گېرمانىيىلىك، فرانسىيىلىك ئىشچىلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشقا باشلايدۇ. ئىشچىلار، قول سانائەتچىلەرنىڭ يىغىنلىرىغا دائىم قاتنىشىپ تۇرىدۇ. سىياسىي ئىقتىساد، خىيالىي سوتسىيالىزىم ۋە تارىخ توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1844- يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، «نېمس – فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» نى نەشىر قىلىدۇ. «گېگىلنىڭ قانۇن پەلسەپىسىگە تەنقىدكە مۇقەددىمە»، «يەھۇدىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ. پۇرۇلېتارىيات ئىكىسپۇلاتتاتسىيە تۈزۈمىنى يۇقاتقۇچى بىردىن بىر سىنىپ ئىكەنلىكىنى، ئىشچىلار ھەركىتى ئىلمىي دۇنيا قاراش بىلەن بىرلىشىشى لازىملىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. «مەۋجۇت تۇرغان ھەممە نەرسىنى رەھىمسىز تەنقىت قىلىش»، بولۇپمۇ «قورال تەنقىدى قىلىش» نى تەرغىپ قىلىدۇ. بۇ ماقالىلەر ۋە شۇ مەزگىلدە ئا. رۇگېغا يازغان بىر نەچچە پارچە خەت ماركسنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆزگىرىش تاماملانغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بۇلۇپ قالىدۇ.

1844- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ماركس ئېنگېلس بىلەن پارىژدا ئۇچراشتى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئۇلۇغ ئىككى ئۇستاز پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىرلىكتە كۈرەش قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىلمىي يېڭى دۇنيا قاراشنى سېستىمىلق تەتقىق قىلىشتى. ئۇلارنىڭ تۇنجى مۇۋەپپىقىيىتى ئۇلارنىڭ ئورتاق ئەسىرى «مۇقەددەس ئائىلە» بۇلۇپ، ئۇنىڭدا ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى برۇنو بائۇئېر قاتارلىقلارنىڭ ئىدىئالىستىك پەلسەپىسى تەنقىتلىنىپ، تارىخىي ماتىرىيالىزىمنىڭ خەلق ئاممىسى تارىخنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر دېگەن بۇ ئاساسىي پىرىنسىپنى شەرھىلىدى. 1844- يىلى ماركس «ئىقتىسادشۇناسلىق – پەلسەپە قول يازمىسى» نى يازدى. 1845- يىلى ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسېلغا بېرىپ ماكانلاشتى. ئۇ مەشھۇر «فېيرباخ توغرىسىدا تىزىس» نى يېزىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېنگېلسمۇ شۇ يەرگە باردى. ئۇلار «نېمىس ئىدىئولوگىيىسى» نى بىرلىكتە يېزىپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ياش گېگېلچىكارنى تەنقىت قىلدى. يېڭى دۇنيا قاراش ھەققىدىكى نەزىرىيىنى، بولۇپمۇ تارىخىي ماتىرىيالىزىمنىڭ بەزى ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى شەرھىلەپ، پۇرۇلېتارىياتنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.

1846- يىلى ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە بىريۇسېلدا كومۇنىستىك ئالاقە كومىتىتى بىلەن نېمىس ئىشچىلار جەمىيىتىنى قۇردى. پرۇدونىزمنى، ۋېتلىڭنىڭ تەڭ تەقسىماتچىلىق كومۇنىزىمىنى ۋە «ھەقىقىي» سوتسىيالىزىمنى تەنقىت قىلدى. 1847- يىلى «پەلسەپە نامراتلىقى» نى تەنقىت قىلدى. شۇ يىلى كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىغا كىردى. 1847- يىلى 12- ئايدىن 1848- يىلى 1- ئايغىچە ئىتتىپاق ئىككىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشتى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ھاۋالىسى بۇيىچە ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقنىڭ پىروگراممىسىنى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن «كومۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دېگەن بۇ ئۇلۇغ كومۇنىزىملىق ئەسەر بارلىققا كەلدى. «خىتابنامە» دە پۇرۇلېتارىيات كۈرۈشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلەندى، ئۆزلىرىنىڭ تەلىماتى ۋە پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى بىلەن پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزىرىيە سېستىمىلق، مۇكەممەل شەرھىلەندى. 1848- يىلى 2- ئايدا «ختابنامە» رەسمىي ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى ھەركىتىدە «خىتابنامە» ھەركەت قىبلىنامىسى ۋە كۈرەش پىروگراممىسى بۇلۇپ قالدى.

1848-1849- يىللاردا بولغان ياۋرۇپا ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە، ماركس بىلەن ئېنگېلىس گېرمانىيەگە قايتىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن كۈرەشكە قاتناشتى. كيۇلىندا «يېڭى رېين» گىزىتىنى چىقىرىپ (ئۆزى باش مۇھەررىر بۇلۇپ)، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئىنقىلاۋىي كۈرۈشىگە مەدەت بەردى. ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ 1849- يىلى 5- ئايدا پىرىسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، پارىژغا باردى. كىيىن تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە لوندوندا ماكانلاشتى. ئۇ لوندونغا بارغاندىن كىيىن دەرھال كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنى ۋە مەركىزىي كومىتىتىنى قايتا قۇردى. 1848- يىلدىكى فرانسىيە فېۋرال ئىنقىلابى ۋە 1851- يىلىدىكى لوئى بوناپارتنىڭ ئەكسىل ئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كىيىن، ئىلگىر- كىيىن بۇلۇپ، «1848- يىلدىن 1850- يىلغىچە فرانسىيىدە بولغان سىنىپىي كۈرەش» نى ئېلان قىلىپ، 1848- يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدى، تارىخىي ماتىرىيالىزىمنىڭ بىر قاتار ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى چۇڭقۇر شەرھىلىدى. پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابى كونا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلىشى لازىم، ئىنقىلاب – تارىخنىڭ پاراۋۇزى دېگەندەك مەشھۇر كۆز قاراشلارنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى. پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسى، ئۈزلىكسىز ئىنقىلاب، ئىشچى- دېھقانلار ئىتتىپاقى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئىدىيىلەرنى بايان قىلدى. 1859- يىلى «سىياسىي ئىقتىساد تەنقىدى» نى ئېلان قىلىپ، قۇشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسىنى تەپسىلىي ئىسپاتلاشقا ئاساس سالدى. 1867- يىلى «كاپىتال» نىڭ 1- تومىنى نەشىر قىلدۇردى (2-، 3- توملىرىنى ماركس ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئېنگېلس رەتلەپ نەشىر قىلدۇردى؛ 4- تومىنى يەنى «قۇشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسى» نى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن كائۇتسكى رەتلەپ نەشىر قىلدۇردى). بۇ ئۆلمەس گىگانت ئەسەردە ماركسىزىمچە ئىقتىسادىي نەزىرىيىنىڭ ئاساسىي ھۇلى – قوشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسى بايان قىلىندى. كاپىتالىستىك جەمىيەتنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ھەركەت قانۇنىيەتلىرى ئېچىپ بىرىلدى. كاپىتالىزىمنىڭ مۇقەررەر يۇقىلىدىغانلىقى ۋە كومىنىزىمنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىزىم تەلىماتى مۇستەھكەم ئىلمىي ئاساسقا قۇيۇلدى. 1850- يىلدىن 1870- يىلغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا مانچېستېردا تۇرۇۋاتقان ئېنگېلس بىلەن كۈندە دىگۈدەك خەت يېزىشىپ، سىياسىي مەسىلىلەر، ئىجتىمائى پەن ۋە تابىئىي پەنگە دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتى. 1851- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا «نيۇ-يورك كۈندىلىك مۇنبەر گىزىتى» گە، ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بەزى گىزىت- ژورناللىرىغا ماقالە يېزىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇ مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئوبزۇرلارمۇ بار ئىدى. جۇڭگۇ مەسىلىسى بايان قىلىنغان ماقالىلەردە جۇڭگۇ جەمىيىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تەھلىل قىلىنغان، روسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى پاش قىلىنغان ۋە ئەيپلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرۈشى مەدھىيلەنگەن، جۇڭگو ئىنقىلابىۋىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى كۆرسىتىپ بىرىلگەن ئىدى. ياۋروپا ئىشچىلار ھەركىتى تۈۋەن دولقۇندا تۇرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ يول باشچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ ئۇلارنى ئىلمى سوتسىيالىزىم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلىدى ۋە ئۇلارغا نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەت جەھەتتىكى تۈرلۈك مەسىللەرنى ھەل قىلىشىپ بەردى.

ماركس ئىشچىلار ھەركىتىدىكى يېڭى دولقۇننىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 1864- يىلى 9- ئايدا لوندوندا خەلقئارا ئىشچىلار جەمىيىتى (يەنى 1- ئىنتېرناتسيۇنال) نى قۇردى ۋە ئۈزى ئۇنىڭ رەھبىرى بولدى. 1- ئىنتېرناتسيۇنالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پرۇدونچىلار، باكۇنىنچىلار، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى تەرەپدارلىرى ۋە لاسسالچىلارنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمچىلىكى، ھۆكۈمەتسىزلىكى، بۆلگىنچىلىكى ۋە 1- ئىنتېرناتسيۇنالغا قارشى سۈيقەستلىك ھەركەتلەرگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىپ، ماركسىزىمنىڭ خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتىدىكى يىتەكچى ئورنىدا تۇرىشىغا ئاساس سالدى. 1871- يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تارىختا تۇنجى پۇرۇلېتارىيات ھاكىمىيىتى – پارىژ كومىنىسىنى قۇردى. ماركس پارىژ پۇرۇلتارىياتىنىڭ ئىنقىلابىي ئىجاتچانلىق روھىغا يۇقىرى باھا بەردى، ھەمدە ئۇنى قىزغىن مەدھىلىدى ۋە قوللىدى. «فرانسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش» دېگەن كىتابنى ۋاختىدا يېزىپ چىقىپ، كومۇنىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تەييار دۆلەت ماشىنىسىنى شۇ پېتى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز مەقسىدىگە يىتىش يولىدا پايدىلىنىشى مۈمكىن ئەمەس»، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى ئىنقىلابىي ئىنقىلابىي زورلۇق يولى بىلەن پاچاقلاپ تاشلاپ ۋە بۇزۇپ تاشلاپ، پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يولغا قۇيىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، «ئىنتېرناتسيۇنال قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرلەيمىز» دېگەن ئەسىرىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى: «پۇرۇلتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ بىرىنچى شەرتى پۇرۇلېتارىيات ئارمىيىسىدۇر. ئىشچىلار سىنىپى ئۆزىنى ئازاد قىلىش ھوقۇقىنى جەڭ مەيدانىدىلا قولغا كەلتۈرىشى لازىم».

ماركس 70- يىللاردىن 80- يىللارنىڭ بېشىغىچە ئاساسىي زىھنىنى داۋاملىق ھالدا «كاپىتال» نىڭ 2- تومى ۋە 3- تومىنى يېزىشقا قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا كومىنىزىم ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى. 1875- يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەركىتىدە ئېيزىناخچىلار لاسسالچىلار بىلەن بىرلىشىش ۋاقتىدا شەكىل جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىققا بىرىلىپ كىتىپ، «پىرىنسىپ بىلەن سودىلاشتى»، لاسسالچىلارنىڭ ئاغمىچىلىقى بىلەن مۇرەسسەلەشتى. ماركس كىسەل يۈرۈپ «گوتا پىروگراممىسىغا تەنقىد» نى يېزىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پىروگرامما لاھىيىسىدە ئىپادىلەنگەن لاسسالنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىنەزەرلىرىنى ئۈزۈل- كىسىل تەنقىت قىلىپ، كاپىتالىزىم بىلەن كومىنىزىمنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر ئىنقىلابىي ئۆزگىرىش دەۋرى بۇلىدۇ، بۇ دەۋرگە مۇناسىپ سىياسىي جەھەتتىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋرمۇ بۇلىدۇ، بۇ دەۋردىكى دۆلەت پەقەت پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي دىكتاتۇرىسىدا بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتتى. 1879- يىلى گېرمانىيە پارتىيىسىدىكى سيۇرىخ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇھىنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمچىلىكىنى ۋە فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھلارنىمۇ پاش قىلدى ۋە تەنقىت قىلدى.

لى كېچياڭ

لى كېچياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي دىڭيۈەندىن، 1974- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇنشۇناسلىق باكلاۋۇرى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  1974- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دۇڭلىن دادۈيىدە زىيالىي ياش بولغان.

  1976- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

  1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1991- يىلى 9- ئايدىن 1991- يىلى 11- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1993- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى، قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  (1988- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىقتا ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان).

  1998- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2013- يىلىدىن باشلاپ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى .

  15- ، 16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

ليۇ خې

ليۇ خې، ئەر، خەنزۇ، 1952- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي چاڭلىدىن، 1969- يىلى 4- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت- ئىقتىساد كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئاممىۋى باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىر، تەتقىقاتچى، پىروفېسسور.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

  1969- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ تاۋنەن ناھىيەسى ۋافاڭ گۇڭشېسىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن.

  1970- يىلىدىن 1973- يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە 38- ئارمىيەسى 112- شىسى زېنىت توپچىلار تۈەنى 57- يىڭ 2- ليەننىڭ جەڭچىسى، مۇئاۋىن بەنجاڭى بولغان.

  1973- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بېيجىڭ سىمسىز رادىيو زاۋۇتىدا ئىشلىگەن، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى، شۇجىسى بولغان.

  1979- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى 2- تارماق مەكتىپى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت- ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.

  1983- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت- ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت- ئىقتىساد كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  1986- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ كادىرى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى سانائەت ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسى كەسىپ قۇرۇلمىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1992- يىلى 1- ئايدىن 1993- يىلى 1- ئايغىچە ئامېرىكا سېتون خول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا- سانائەت ئىنستىتۇتىدا زىيارەتچى ئالىم بولغان).

  1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە دۆلەت پىلان كومىتېتى ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە كەسىپ سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1994- يىلى 7- ئايدىن 1995- يىلى 6- ئايغىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئىنستىتۇتنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ۋە سودا كەسپىدە ئوقۇغان، ئاممىۋى باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

  1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك)، جۇڭگو ئىقتىساد ئۇچۇرى تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان.

  2001- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2011- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پاتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

  18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى

مىجىت لىتىپ

1953-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە سودا-سانائەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1970-يىلى6-ئايدىن 1971-يىلى3-ئايغىچە چۆچەك ۋىلايىتى تولى ناھىيىسى ‹ئالغا› يېزا-ئىگلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1971-يىلى 3-ئايدىن 1980-يىلى 6-ئايغىچە تولى ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئاشلىق ماي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا تېخنىك ئىشچى سېخ مۇدىرى مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىغى ،زاۋۇت باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلىرنى ئۆتىگەن.

1980-يىلى 6-ئايدىن 1993-يىلى 1-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ ئېلىكتىرون تەتقىقات مەركىزىگە مۇدىر،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۈگرە-چۆپ زاۋۇتىغا سېتىش بۆلۈم باشلىغى،تېخنىك بۆلۈم باشلىغى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىغى ۋە زاۋۇت باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇجەرياندا 1981-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە شىنجاڭ ئونۋېرستىتىدا تۇلۇق كۇرۇستا ‹ جۇڭگو ئەدەبىياتى ›دا ئوقۇغان. 1986-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە شىنجىياڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ‹چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا باشقۇرۇش كۇرسى›،شىياڭگاڭ پىسخۇا مائارىپ فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ‹كارخانا باشقۇرۇش ماھارىتى› كۇرسىدا ئوقۇغان. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭجۇشەھرىدە ‹كارخانىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۇرسىدا› ئوقۇغان. فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ شىيامىن شەھرىدە ئوزۇقلۇقشۇناسلىق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1953-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ خۇيجۇڭ خەلقئارا سودا شىركىتىدە مۇئاۋىن باش دېرىكتور بولۇپ روسىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خەلقئارا ئېمپورت-ئېكىسپورت سودىسى ۋە 3 دۆلەتتە قوشما كارخانا قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئىشقا كىرگۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. 1999-يىلى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەسلىدىكى ئۈگرە-چۆپ زاۋۇتىغا قايتىپ كېلىپ زاۋۇت باشلىغى بولغان ھەم كارخانا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ شىركەتنى دۆلەت ئىگىلىكىدىن خەلىق باشقۇرۇشىغا ئۆزگەرتكەن. ئۆزى شىركەتنىڭ چوڭ پايچىكى ۋە مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان. 1995-يىلى قانۇن ئۈگۈنۈش كورپىسىدا ئوقۇغان. 1996-مەملىكەتلىك ئىتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. 1997-يىلى شىنجاڭ سودا ئادوۋوكاتلىق ئىش ئورنىغا كەسپى ئادۋوكات بولغان. ئىجتىمائىي پەندە باكلاۋۇر. ئىقتىساد پەنلىرىدە ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە.

يۇ چۈەن

يۇ چۈەن، ئەر، خەنزۇ، 1954- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي لۇلۇڭدىن، 1969- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پىلانلىق ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى پىلانى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  1969- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ جەڭچىسى، ليەن يېتەكچىسى بولغان.

  1976- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى جيەنگومېن كوچا باشقارمىسى پارتكومىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشكەن (تەقسىمات كۈتۈپ تۇرغان).

  1976- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە بېيجىڭ 1- ئىستانوك زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان.

  1980- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى 1- شۆبە مەكتىپىنىڭ پىلان- ئىستاتىستىكا فاكۇلتېتىدا خەلق ئىگىلىكى پىلانى كەسپىدە ئوقۇغان.

  1984- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پىلانلىق ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى پىلانى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  1987- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پىلانلىق ئىگىلىك فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك).

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ 1- كاتىپى (باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك)، قوشۇمچە مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسى 1- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەخسۇس خادىمى بولغان (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك).

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2- ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

  17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى

چېن چۈەنگو

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. چېن چۈەنگو (خەنزۇچە: 陈全国)، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى ئوغلاق ئېيىدا خېنەن ئۆلكىسى پېڭيۈ ناھىيىسىدە توغۇلغان. 1973- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە چىققان. جېڭجۇ ئۇنىۋېرستىتىت سىياسىي ئىقتىساد كەسپىنى پۈتتۈرگەن، سابىق ۋۇخەن ئۇنىۋېرستىتى ماشىنسازلىق سانائەت ئۇنىۋېرستىتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى ماگىستىرى. ج ك پ 7- نۆۋەتلىك كاندىدات مەركىزى كومېتىت ھەيئىىتى، 8- نۆۋەتلىك مەركىزى كومېتىتنىڭ ھەيئىتى. بۇرۇن ج ك پ خېنەن ئۆلكىلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتى ئۆلكە رەئىسى، ج ك پ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى پارتىكوم شۇجىسى بولغان. ھازىر ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﺟﯩﺴﻰ.

باشقا تىلاردا

This page is based on a Wikipedia article written by authors (here).
Text is available under the CC BY-SA 3.0 license; additional terms may apply.
Images, videos and audio are available under their respective licenses.