ئوتتۇرا شەرق

ئوتتۇرا شەرق ياكى ئورتاشەرق، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقانىڭ بىر بىرىگە ئەڭ يېقىنلاشقان يېرى ۋە بىر بىرىگە قوشنا دۆلەتلەر تامانىدىن تەشكىل قىلىنغان رايون. ئاق دېڭىزدىن پاكىستانغىچە ئۇزايدۇ ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ئاتالغۇسى ياۋروپا مەركەزىيەتچى كۆز قاراشقا تايىنىدۇ ۋە بېرتانىيەلىكلەرنىڭ 19. ئەسردە قوللىنىشقا باشلىغان بىر ئاتالغۇدۇر. بۇ ئاتالغۇدا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى مەركەز قەبۇل قىلىنغاندۇر: شەرق، ئۇزاق شەرق، يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرق دېگەندەك ئاتالغۇلار بۇنىڭغا كۆرە ئوتتۇراىغا قويۇلغان.

Greater Middle East (orthographic projection)
ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى قۇيۇق يېشىل: ئەنئەنىۋىي قاراشتىكى ئوتتۇرا شەرق؛ يېشىل: گ8 گە كۆرە ئوتتۇرا شەرق؛ ئوچۇق يېشىل: ئوتتۇرا شەرققە يېقىندىن ئالاقەدار ئەللەر
ئىبرانى تىلى

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. ئىبرانىچە ياكى ئىبرانچە، ((עִבְרִית, İvrit) ئاڧرو-ئاسيا تىل سېستىمىسى غەربىي شىمال سامى (سەمىتىك) تىل گرۇپپىسى كەنئان تىل ئائىلىسىگە تەۋە ۋە 7 مىلىيون كىشى تەرىپىدىن سۆزلىشىلىدىغان بىر تىلدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلى ۋە ئىسرائىلىيە سىرتىدىكى يەھۇدىي توپلۇقلىرى تەرىپىدىن سۆزلىشىلمەكتە. ئىبرانىچە، 22 ھەرڧلىك ئىبرانىي ئەلڧبەسى بىلەن ئوڭدىن سولغا قاراپ يېزىلىدۇ. باشتا ئىسرائىلىيە ۋە ئا ق ش، ھەمدە ئاۋسترالىيە، كانادا، گېرمانىيە، ڧەلەستىن، پاناما ۋە ئەنگىلىيەدە قوللىنىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، غەربىي شەرىئادا يەھۇدىي بولمىغان بىر ئاز سانلىق خەلق ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن يەھۇدىي ئاز سانلىقلار تەرىپىدىن يەرلىك تىل بىلەن بىرگە لادىنو، يىدىش ياكى ئارامىچە بىلەن بىرلىكتە دىنىي تىل سۈڧەتىدە قوللىنىلماقتا.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. ھەزرىتى ئىبراھىم ياكى ئابراھام (ئىبرانىيچە: אברהם)، تەقرىبەن م.ب ئىككىنچى مىڭ يىللاردا ياشىغان دەپ قارالغان ئىبرانىي دىنىي شەخس. ئىسلامغا كۆرە بىر پەيغەمبەر، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىققا كۆرە بىر دىن كاتتىسى ئېرۇر. ھەزرىتى ئىسمائىل ۋە ھەزرىتى ئىسھاقنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىگە؛ يەھۇدىيلارنىڭ ھەزرىتى ئىسھاقنىڭ پۇشتىدىن كەلگەنلىكىگە، ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ ئىسە ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئاتىلىرىدىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىلىدۇ.

بەئزى مەنبئەلەر يەھۇدىلارنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ھىند خەلقلىرىدىن بىر راھىب سۈپىتىدە غەربكە كۆچكەن بولۇش ئىھتىمالىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىبراھىم سۆزى بىلەن براھما سۆزىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىشى تەتقىقادچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. مىسالەن، ئۆزىنىڭ ۋە ئاياللىرىنىڭ ئىسىملىرى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ''خەلقنىڭ ئاتاسى'' دېگەنلىك بولىشى، براھمانىڭ مېنىدىغان بىر قۇشى ۋە بۇ قۇشنىڭ تۆرت قوللۇق بولىشىغا قارشىلىق ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ بىر قۇشنى تۆرتكە بۆلۈپ تۆرت تەرەڧتىكى ئوخشىمىغان چوققىلارغا تاشلىشى ۋە چاقىرغىنىدا قۇشنىڭ پارچىلىرى توپلىنىپ تىرىلىپ ئۇچۇپ كېلىشى دېگەندەك.

ئەرەب ئەلىفبەسى

ئەرەب ئەلىفبەسى ياكى ئەرەب ئېلىپبەسى، 7. ئەسرنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدىن ئىتىبارەن ئەمەۋىي ۋە ئابباسىي ئىمپېرىيەلىرى ۋاسىتەسى بىلەن ئوتتۇرا شەرق مەركەزلىك كەڭ كەتكەن بىر ساھەگە يايىلىش ئىمكانى تاپقان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلگەن جۇغرافىيەلەردە قەبۇل كۆرگەن ئەلىفبەدۇر. دۇنيادا لاتىن ئەلىفبەسىدىن سوڭرە يېزىق تىلى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سېستىمىسى ئېرۇر.

ئەرەب ئەلىفبەسى م.ك. 2-4 ئەرسرلەر ئاراسىدا نەباتى يېزىقىدىن تەرەققىي قىلغان بولىشى بىلەن بىرلىكتە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمى يېزىق ئۆرنىكى م.ك. 6. ئەسرگە (زەبەد 512، ھارران 568) ئائىتتۇر. ئوڭدىن سولغا يازىلغان ئەرەب ئەلىفبەسىدە بولغان 28 ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ 22 داسنىدى سامى ئەلىفبەدىن قەبۇل قىلىنغاندا شەكىل ئۆزگەرتكەن تاۋۇشلار بولۇپ، قالغان ئالتىسى ئەرەبچەگە خاستۇر.

كۆھنە دۇنيانىڭ ئۈچ بۈيۈك قىتئەسىدە، ئوخشىمىغان ئائىلەلەرگە مەنسۇب نۇرغۇن تىلغا تەتبىقلانغان ئەرەب ئەلىفبەسىگە، ھەرف قوشۇمچىلىرى كىرگۈزۈلگەن ۋە شۇنداق قىلىپ ئەلىفبەنىڭ ئىسلاھاتى يولىغا كىرىلگەندۇر. فارسلار بۇ ئىسلاھنى \چ\، \پ\ ۋە \ژ\ تاۋۇشلىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىشارەتلەر ئىجاد قىلغان. تۈركلەر، بۇ ئىشارەتلەرنى فارسلاردىن ئۆز پېتى كىرگۈزگەن. تۈركچەدىكى \گ\ تاۋۇشى ئۈچۈن قوللىنىلغان كەف، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا \ڭ\ ئۈچۈن ھەم قوللىنىلغان.

شۇنداق قىلىپ تۈرك تىلىدا ئەرەب ئەلىفبەسنىڭ تۇنجى ئەرەب يېزىقى ئىسلاھاتى روياپقا چىققان بولدى. ئەرەب ئەلىفبەسى ، 11. ئەسردە ئاساسىي ھەرف سېستىمىسى بىلەن تۈركىلەر تامانىدىن قوللىنىلىشقا باشلىغان چە بۇ ئەسنادا تېخى فارس ئەرەب ئەلىفبەسىدىكى ھەرفلەرنىڭ تۈرك ئەرەب ئەلىفبەسىدە يەر ئالمىغانلىقى تۈشىنىلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكە قاۋۇشقان تارىختىن بېرى ئەرەب ئەلىفبەسى قوللانماقتا، فەقەت 1960-1980 ئارىسى يېڭى يېزىق نامىدا لاتىن ئەلىفبەسى قوللىنىلغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەرەب ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. 1971- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى مۇستەقىل بولغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 83600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نۇفۇسى نوپۇسى 4 مىللىئون 621 مىڭ. پايتەختى ئەبۇزەبى. ئاھالىسى بىر مىليۇن 100 مىڭ، ئەڭ چوڭ شەھەر دۇبەي، ئاھالىسى بىر مىلىيۇن 500 مىڭ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇ زەبى(Abu Dhabi)، دۇبەي(Dubai)، شارجا(Sharjah)، ئۇممۇ قەيۋان (Umm al-Quwain)، فۇجايراھ(Fujairah)، ئاجمان(Ajman)، خايماھ تۇمشۇقى(Ras al-Khaimah) قاتارلىق ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىل يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلەشمىسى.

ئەرەب تىلى

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. ئەرەب تىلى ياكى ئەرەبچە (اللغة العربية، el-luġatu l-‘arabiyye ياكى عربي ‘arabī) بولسا ئاڧرو-ئاسيا تىل سېستىمىسى سامىي تىل ئائىلىسىگە تەئەللۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىم تىللارنىڭ بىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش قۇرئان كەرىم، ئەرەبچە يېزىلغاندۇر. بۇگۈن 60 دۆلەتتە قوللىنىلۋاتقان ئەرەبچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كىشى قوللىنىدىغان تىللارنىڭ بەشىنچىسىدۇر ۋە شۇنداقلا ب د ت دا قەبۇل قىلىنغان 6 رەسمىي تىلنىڭ بىرىدۇر. ئۇ دۇنيادىكى بىر مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ دىنى تىلى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى، ھازىر دۇنيادا 250 مىلىوندىن ئارتۇق ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەر ئومومىيۈزلۈك قوللىنىدۇ.

ئەرەب يېرىم ئارىلى

ئەرەب يېرىم ئارىلى (كوھنە ئاتى: جەزىرەتۇل ئەرەب) (ئەرەبچە: شبه الجزيرة العربية \ شىبھەل جەزىرەتۇل ئەرەبىييە ) ياكى ئەرەبىستان، ئاسيانىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە ئاڧرىقانىڭ شەرقى شىمالىدا يەر ئالغان يېرىم ئارال. بۈيۈك قىسمى چۆل بولغان بۇ يېرىم ئارال، ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان نېڧىت ۋە تەبئىي گاز زاپاسلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ گىئوپولىتىك نوقتىدىن ئىنتايىن مۇھىم رايوندۇر. منىتىقەدە نۇپۇسنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان ئەسىللىقتۇر. شۇنداقلا يېرىم ئارال، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تارقالغان يېرىدۇر. مۇقەددەس مەككەئى مۇكەررەمە ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرى بۇ يېرىم ئارالدىدۇر.

يېرىم ئارالغا جايلاشقان ئەللەر سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، ئۇممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى، قاتار، بەھرەين، كۇۋەيت، ئىراق ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىقلاردۇر. بۇلار ئىچىدە ئىراق ۋە ئىئوردانىيە توپراقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىدا قالىدۇر.

بۈيۈك بېرىتانىيە

بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (ئىنگ: United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland)، ياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان، بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىنىڭ تامامىنى، ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە بەئزى باشقا بېرتانىيە ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت. دۆلەت ئىسمى، دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئىنگ: United Kingdom) دەپ بىلىنىدۇ. بەزىدە بۈيۈك بېرتانىيە (ئىنگ: Great Britain) شەكلىدىمۇ ئەنگىلىيەگە ئىشارە قىلىنىدۇ. بىرلەشمە پادىشاھلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇنسۇرلاردىن بىرى، ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ نۇپۇس كۆپ دۆلەت بولغان ئەنگىلىيەنىڭ ئىسمىمۇ بەئزى بەئزىدە رەسمىي قاناللاردا بىرلەشمە پادىشاھلىق مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۇيغۇرلاردا بولسا ئەڭ كۆپ ئەنگىلىيە دەپ بىلىنىدۇ. خەلقىغە بولسا ئەنگىلىيىلىك ياكى بېراتانىيىلىك (ئىنگ: British) دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا ئىنگىلىز كەلىمىسىمۇ خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

بىرلەشمە پادىشاھلىق تۆرت دۆلەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ۋېلش، ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە قاتارلىقلار. بۇ دۆلەتلەردىن ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى شىمالىي ئىرلاندىيەدىن باشقا ھەممىسى بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا پادىشاھلىققا تەۋە چوڭ كىچىك نۇرغۇن ئارىلى بار. ۋايت ئارىلى، لۇندي، سىللىي ئاراللىرى، ئانگلېسي ۋە ھېبرىد ئاراللىرى، ئوركنېي ئاراللىرى ۋە شوتلاند ئاراللىرى بۇلاردىن بەزىلىرىدۇر.

مان ئارىلى ۋە مانش ئاراللىرى (جېرسېي، گۇېرنسېي، ئالدېرنېي ۋە سارك) جۇغراڧىيلىك ھالدا پادىشاھلىققا باغلىق بولسىمۇ، رەسمىي شەكىلدە ئالاھىيدە دەرىجىگە ئىگە. رەسمىي شەكىلدە پادىشاھلىقنىڭ پارچىسى ھېساپلانمايدۇ. لېكىن مونارخىيلىك باغلىقدۇر. (ئىنگ: Dependencies of the Crown) بۇ ئاراللار ياۋروپا بىرلىكىگە تەۋە ئەمەس.

بىرلەشمە پادىشاھلىق، بىرتانىيە ئىمپېرىيسى دەۋرىدە زېمىنىنىڭ چوڭلىقىدىن "كۈن ئولتۇرمايدىغان ئىمپېرىيە" دەپ ئاتالغانىدى.

بەھرەيىن

بەھرېيىن بولسا ئاسىيا جايلاشقان بىر دەۋلەت. ئۇنىڭ پايتەختى ۋە ئاڭ چوڭ شەھرى ماناما. دەۋلەت تىلى ئەرەب تىلى. ھازىرقى باش ۋەزىر خەلىفەھ ئىبن سۇلمان ئەل خەلىفەھ. بۇ دەۋلەت 1971 يىلى 12 ئاينىڭ 16 كۇنى مۇستەققىل بولغان، يەر مەيدانى 655 كۇۋادىرات كىلومېتر، نوپۇسى 1 مىللىيون 046 مىڭ.

تۈرك تىلى

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. زامانداش تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە قوللانغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىي تىل بولۇپ تۈركىيە تۈركچەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيە سىرتىدا ئاسىيادا سۇرىيە، ئىراق، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلىقى ئەزاسى بولمىش مەركىزى ئاسىيادا، ياۋروپادا گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە باشتا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە، ئامېرىكا ۋە ئاۋىسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە دە ئاز ساندا بولۇپ تەقرىبەن 80 مىليۇن كىشى بۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ.

تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنى بۇگۈنكى مەركەزى ئاسيا بوزقىرلىرى بولۇپ ئۆتۈكەندىن تارىم ۋادىسىغىچە، ئالتاي تاغلىرى - بالقاش كۆلى بويلىرىدىن تۈركمەن چۆللىرىگىچە بولغان كەڭ جوغراڧىيە پۈتۈن تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتەن يۇرتىدۇر.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. تۈركىيە- تولۇق ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى (تۈركچە : Türkiye Cumhuriyeti, ئىنگىلىزچە: Republic of Turkey) ئاساسى قانۇنلۇق، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى، يىقىدا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىمەكچى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ئەنقەرە، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا ئىستانبۇل. دۆلەت تىلى بولسا تۈرك تىلى. نۆۋەتتىكى پرىزدېنتى (تۈركچە جۇمھۇرباشقانى)رەجەپ تايىپ ئەردۇغان . نۆۋەتتىكى باش مىنىستېر (تۈركچە باشباقان) بنئالى يىلدىرىم. تۈركىيە 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورناتقان.

جۈمە

جۈمە، پەيشەنبە بىلەن شەنبە ئوتتۇرسىدىكى، ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنىدۇر.

جۈمە، قۇرئان يولى بىلەن ئەرەبچىگە، ئەرەبچىدىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، قەدىم ئۇيغۇرچەدە ئاتنا كۈنى دېيىلەتتى. جۈمە كۈنى بۇگۈنكى تۈركىيە تۈركچەسىدە "Cuma"، ئەرەبچە ««الجمعة»»، ڧارسچە «جمعە»، ئىنگىلىزچە «Friday» ۋە خەنزۇچە «周五\星期五» غا توغرا كېلىدۇ. بۇ كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي كۈنى بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بۇ كۈن مەسجىدكە بېرىپ «جۈمە نامىزى» نى ئادا قىلىدۇ. سەئۇدىي ئەرەبىستان باشتا ئوتتۇرا شەرق ۋە بەئزى ئىسلام ئەللىرىدە جۈمە كۈنى رەسمىي تەتىل ئېلان قىلىنغان.

جۈمە ئۇيغۇرلاردا ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا ئەر كىشى ئىسمىدۇر.

ئىسلامدا جۇمە كۈنى ئىبادەت كۈندۇر. سۇرە جۇمئە: 1.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇبارەك ۋو قۇتلۇق كۈندۇر.

خرىستىيانلاردا پاسخا بايرىمىدىن بۇرۇنقى جۈمئە كۈنى ھەزرىتى ئىسانىڭ چاھارمىخقا كېرىلگەن كۈن دەپ قاراپ ماتەم تۇتىلىدۇ.

ئاينىڭ 13. كۈنى جۇمەگە توغرا كەلگەن كۈنلەر بەئزى ئىتىقادلارغا كۆرە نەس كۈن دەپ قارىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Dunya Uyghur Qurultiyi ؛ ئىنگلىزچەWorld Uyghur Congress) بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئەڭ يۈكسەك رەھبەرلىك ئورگىنى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتىيىدا، ئىككى قۇرۇلتاي ئومۇمى ۋەكىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە بىردەك ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەركىن ئالپتەكىن ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى, ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتتۇر. غەربىي شىمالدا ئىئوردانىيە، شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا ئىراق، شەرقتە كۇۋەيت، قاتار، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، شەرقىي جەنۇبتا ئۇممان، جەنۇبتا يەمەن، شەرقىي شىمالدا پارس قولتۇغى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە ئىككى مۇقەددەس مەسجىت توپرىغى ھەم دېيىلىدۇ. چۈنكىئىسلام دىنىغا كۆرە مۇقەددەس بولغان ئىككى شەھەر مەككە ۋە مەدىنە بۇ دۆلەتتە يەر ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن پارس قولتۇغى ئەللىرىدە بولغانىدەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.

غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا

غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ياكى غەربىي ئاسىيا، ئاسىيانىڭ غەربى قىسمىغا بېرىلگەن نام بولۇپ، كافكازىيەنىڭ بىر قىسمى، ئوتتۇرا شەرق، ئاناتولىيە ۋە مىسسوپوتامىيە، ئىران ئىگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جەنۇبتا پارس قولتۇقى ۋە ھىندى ئوكيان، غەربتە قىزىل دېڭىز ۋە ئاق دېڭىز، شىمالدا قارا دېڭىز ۋە ھازار دېڭىزى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ.

بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بولسا: ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەيىن، شىمالىي سېپروس، سىپرۇس، گرۇزىيە، ئابغازىيە، شىمالىي ئوسەتىئا، ئىران، ئىراق، ئىسرائىلىيە، پەلەستىن، ئىئوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋان، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇرىيە، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە يەمەن قاتارلىقلار.

غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلماندۇر.

كورىيە

كورىيە جۇمھۇرىيىتى (كورىيەچە: 대한민국 Daehan Minguk; خەنزۇچە: 大韓民國; قىسقىچە: 한국, 韓國 Hanguk) ياكى جەنۇبىي كورىيە ۋە جەنۇبىي چاۋشيەن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىگە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بىر دەۋلەت. جەنۇبىي كورىيە شىمالدا شىمالىي چاۋشيەن، غەربتە جۇڭگو، شەرقتە ياپونىيە بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. كورىيەنىڭ پايتەختى سېئول شەھىرىدۇر. جەنۇبىي كورىيە سۇبتروپىك بەلباغقا تەۋەدۇر.

لىۋان

لىۋان بولسا ئاسىيا جايلاشقان بىر دەۋلەت بولۇپ، پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھرى بېيرۇت. دۇلات تىلى بولسا ئەرەب تىلى. ئازىركى زۇڭتۇڭ مىچەل سۇلەئىمان. ئازىركى باش ۋەزىر فوئۇئاد سىنىئورا. بۇ دۇلات 1941 يىلى 11 ئاينىڭ 26 كۇنى مۇستاككىل بولگان، يار مايدانى 10 مىڭ 452 كۇۋادىرات كىلومەتىر، نوپۇسى 4 مىللىئون 099 مىڭ.

يەھۇدى دىنى

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. يەھۇدى دىنى ياكى يەھۇدىيلىك (خەنزۇچە: 犹太教، ئەرەبچە: اليهودية yahūdī، ئىبرانىچە: ייִדישקײט yəhūdī، لاتىنچە: Iudaismus ) — ئاساسان، يەھۇدىيلەر ئوتتۇرسىدا تارقالغان ئەڭ قەدىمىي دىنلاردىن بىرى. م.ب. بىرنىچى مىڭ يىلنىڭ باشلىرىدا قۇددۇس (فەلەستىن)دە ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەرەبىستان ياكى ئۇنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن ياھۇدىي قابىلەلەرى م.ب. 13-ئەسردە فەلەستىننى بېسىپ ئالدىلەر ۋە م.ب. 10-ئەسردە ئىسرائىل — ياھۇدىيە دەۋلەتىنى قۇردى. ئەنە شۇ قەبىلەلەرنىڭ دىنىي ئۆرف-ئادەتلەرى ۋە فەلەستىن خەلقىنىڭ ئايرىم ئېتىقادلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسساملەشتۈرگەن. نامى ياھۇدا (Iuda) قەبىلەسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان.

تۇنجى بولۇپ ئىبرانىيلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى بىلەن كەلگەن، كېيىنچە تالمۇدتا ۋە باشقا مۇقەددەس مەتىنلەردە تېخىمۇ كۆلەملىك بىر شەكىلدە ئىنچىكە ئىزاھلانغان دىنى، پەلسەپىي ۋە ھايات تەرزىگە مۇناسىبەتلىك تەرتىبلەرنىڭ تامامىغا بېرىلگەن ئىسىم. مۇسەۋىيلىك، دىندار مۇسەۋىيلەرگە كۆرە، بەنى ئسرائىل (كېيىنچە يەھۇدى خەلقى) بىلەن تەڭرى ئارىسىدىكى ئەھدكە تايانغان مۇناسىبەتنىڭ زاھىرىي شەكلىدۇر. تۇنجى بىر تەڭرىلىك دىن ياكى دىنلاردىن بىرى شەكلىدە قەبۇل قىلىنماقتا ۋە كۈنىمىزدىمۇ مەۋجۇد ئەك ئەسكى\كۆھنە دىن ئەنئەنىلەر ئارىسىدا يەر ئالماقتا. تارىخى، پرىنسىپلىرى ۋە ئەخلاقى بىلەن خرىستىيانلىق ۋە ئىسلام بىلەن بىرگە بەئزى ئىبراھىمىي بولمىغان دىنلەرگىمۇ تەئسىر كۆرسەتكەن مۇسەۋىيلىكنىڭ دىنىي مەتىنلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى باشقا ئىبراھىمىي دىنلارنىڭمۇ مەركىزىدە يەر ئالماقتا. غەرب خرىستىيانلىقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مۇسەۋىيلىك، نۇرغۇن تەرىپى بىلەن دىندىن ئايرىلغان غەرب قەۋملىرى بولمىش ئەخلاق ۋە مەدەنىي ھۇقۇق بىلەنمۇ ئۇخشاشلىقى باردۇر.

توغۇلۇشتىنلا بۇ يەھۇدي قەۋمىگە مەنسۇب بولغان ياكى كېيىنچە بۇ دىنغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە يەھۇدىي دېيىلىدۇ.

پەيغەمبەر

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى. پەيغەمبەر (ڧارسچە: پیامبر)، يەھۇدىلىك، خرىستىيانلىق ۋە ئىسلامدا ئاللاھ تەرىپىدىن بىر دىننى ياكى دىنىي تەئلىماتنى تارقىتىش يۈزىسىدىن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن كىشىلەردۇر.

ئىبراھىمىي دىنلەرنىڭ مەنسۇبلىرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تەڭرى بىلەن ۋەھىي يولى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ.

باشقا تىلاردا

This page is based on a Wikipedia article written by authors (here).
Text is available under the CC BY-SA 3.0 license; additional terms may apply.
Images, videos and audio are available under their respective licenses.